بالىلارنى خىتايچە ئوقۇتۇش ھەققىدە ئۇيغۇر زىيالىيلار نېمە دەيدۇ؟ (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار دىيارىدا زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوش تىل ئوقۇتۇشى» قۇرۇلۇشى ۋە ئۇ ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر كەڭ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنى ئىزچىل تەڭلىككە سېلىپ كەلمەكتە.

ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىزمەت پۇرسىتى ۋە باشقا تىل ۋاسىتىسىگە چېتىلىدىغان رېئاللىقلار بىر تۈركۈم ئاتا-ئانىلارنى «بالىلارنى ئىختىساسلىق قىلىش ئۈچۈن خىتايچە ئوقۇتۇش لازىم» دېگەن ئىدىيىگە مايىل قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ ئۆزىگە خاس قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پات يېقىندا خىتاي دۆلىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ھەققىدىكى 13-بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا نوپۇس سانى بويىچە ئازسانلىق ھېسابلىنىدىغان مىللەتلەر رايونىدا «قوش تىل ئوقۇتۇشى» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش بۇنىڭدىكى نىشانلىق تۈرلەردىن ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا يەرلىك دائىرىلەر نۇرغۇن مالىيە ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان قوش تىل يەسلىلىرى ۋە قوش تىل مەكتەپلىرىنىڭ سانى بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار بىلەن مۇشۇ ھەققە تېلېفون سۆھبىتى قىلىش جەريانىدا كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان بولسىمۇ «بالىلىرىمىز خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇمىسا ئىستىقبالى بولمايدۇ» دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلشات ھەسەن كىچىكىدىن خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىتايچە مائارىپ ساھەسىدە ئون نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۇ، بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا «خىتايچە تىل بىلمەيدۇ» دېگەن باھانە بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىزمەت پۇرسەتلىرىدىن يەكلەپ كەلگەن بولسا، ھازىرقى كۈندە باشلانغۇچ مەكتەپتىن تاكى ئالىي مەكتەپكىچە خىتايچە ئوقۇغان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتايدىكى مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرى سۈپىتىدە ئىشسىز قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش مەسىلىسى بويىچە سىستېمىلىق تەتقىقاتلار ۋە ئەمگەكلەر بىلەن مەشغۇل بولغان ئۇيغۇر مائارىپچىلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئانا تىلدا ساۋاتى چىققان ئوقۇغۇچىلار بىلەن يات تىلدا ساۋاتى چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش ئەھۋالىدا زور پەرقلەر بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئاتا-ئانىلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ئۇلارنىڭ ئەندىشىلىرى ئىچىدە خىتايچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان پەرزەنتلەر بىلەن ئاتا - ئانىلار ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى چوڭىيىپ مېڭىۋاتقان پىكىر جەھەتتىكى پەرق زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.