خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلىلەردە قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش قەدىمىنى تېزلەتتى

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قويغان سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەننىڭ بىر قانچە يىل ئىلگىرى «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قوش تىل تەربىيىسىنى بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەك» دېگەن سۆزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل يەسلىلىرى قۇرۇپ خىتاي تىلى تەربىيىسىنى بالىلاردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان بولسا، يېقىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدە «ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش كېلەچەكتە خىزمەت تېپىشقا قۇلايلىق يارىتىپلا قالماستىن، يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىمۇ تۆھپىسى زور» دېگەن سۆزى، قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى، دەرۋەقە يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتى شەھەرلىرىدىكى قوش تىل يەسلىلىرى مائارىپى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 376 بالىلار باغچىسىغا 104 مىليون سوم مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىش مەبلىغى ئاجراتقان.

يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بېرىپ تۆت كۈن خىزمەت تەكشۈردى. شى جىنپىڭ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قوش تىل مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش كېلەچەكتە خىزمەت تېپىشقا قۇلايلىق يارىتىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈشتە تۆھپىسى زور» دېگەندەك بايانلارنى قىلغان، بۇ ئۇيغۇرلاردا زور غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى پەيدا قىلغان ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن كېيىنلا جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان رابىيە قادىر خانىم، شى جىنپىڭنىڭ بۇ بايانلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش نىيىتىنىڭ يالىڭاچ ئىپادىلىنىشى دەپ كۆرسىتىپ «تىل مەسىلىسىلا ئەمەس، پەقەت سەن خىتاي بولۇشۇڭ كېرەك، سەن خىتاي بولغاندىلا خىتاي بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۆتەلەيسەن، بىر مىللەت بولۇپ ياشىيالايسەن دېگەن ھۆكۈم بۇ!» دېگەن ئىدى ۋە شى جىنپىڭنىڭ قوش تىل مائارىپى ھەققىدە قىلغان بايانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا، بولۇپمۇ بالىلارغا قارىتا خىتاي تىلى مائارىپى ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى مائارىپ ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى شەھەرلىرىدە قوش تىل يەسلىلىرى مائارىپى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 376 بالىلار باغچىسىغا 104 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتلاش-تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى ئۈرۈمچى، شىخەنزە، قاراماي قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى كوللېكتىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ 179 بالىلار باغچىسى ۋە 197 پايدا ئالمايدىغان پۇقراۋى بالىلار باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ نىشانى يېقىنقى يىللاردا بەكرەك بالىلار مائارىپىغا قارىتىلدى. بولۇپمۇ 2010-يىلى خىتاينىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، قوش تىل مائارىپى خىتاي دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ئۆستۈرۈلدى. 2011-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون «شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل مائارىپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى(2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)» نى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى 2020-يىلىغا قەدەر پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇپ بولۇش نىشانىنى بېكىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن قوش تىل تەربىيىسى ئېلىۋاتقانلار ۋە خەنزۇچە ئوقۇغان ئۇيغۇرلار 1 مىليون 826 مىڭ 100 گە يېتىپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %70.93 ئىنى ئىگىلىگەنلىكى كۆرسىتىلدى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇرۇشلۇق جايلاردىن پەيزىۋات ناھىيىلىك قوش تىل يەسلىسىدە جەمئىي 1300 بالا بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلار 87% نى ئىگىلەيدىكەن.

2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشىغا 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ھەر مىللەت بالىلارنىڭ ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپىنى تاماملىشى شەرت قىلىندى ۋە بۇ ئىككى يىللىق خىتايچە تەربىيىنىڭ ھەقسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىككى يىللىق تۈزۈمدىكى مۇنتىزىم تەربىيىلىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم» بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر مائارىپقا ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئارقىلىق، 60 مىڭدىن ئارتۇق خىتاينى يېزىلاردىكى قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى.

خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ماي كىرىشى بىلەن 32-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى سىياسىي پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ بارلىق قوش تىل مەكتەپلىرىدە بالىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى كۈچەيتىلگەن.

شى جىنپىڭ: «شىنجاڭدا ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ يەنە قوش تىل مائارىپى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ تەكىتلىشى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسىي ئىستراتېگىيىسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى قايتا يورۇتۇپ بەرمەكتە.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى: «شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىشىنىڭ ئۆزى مېنى ھەيران قىلغان ئىدى، دېمەك ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن، شى جىنپىڭ ئۇ قانداقتۇر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىغا ياكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس پەقەت، ۋەزىيەت جىددىي بولغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا قەدەم باستى. قوش تىل مائارىپى بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىستراتېگىيىلىك بىر سىياسەت، خىتاي بۇ سىياسەت ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئۆز ئەركىنلىك ئارزۇلىرىدىنمۇ ۋاز كەچتۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا، شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىشى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى قوغداپ قالمايدىكەن، ئۆزىنى قوغداپ قالالمايدۇ شۇنداقلا خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى مەڭگۈلۈك ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەقسىتىگە يەتكەن بولىدۇ...» دېدى.