2015-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى 6.5 بال يەر تەۋرەش ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ نامرات ناھىيىلەرنىڭ بىرى خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق گۇما ناھىيىسىنى بىر قېتىم مەتبۇئات يۈزىگە ئېلىپ چىققان ئىدى.
بۈگۈن ئۇيغۇرچە ئۈندىدار بەتلىرىدە تارقالغان «گۇما ناھىيىسى مۇجى يېزىلىق يېڭىۋاغ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا قىشلىق كىيىم ئىئانە قىلىش» ھەققىدىكى مۇراجىئەت خېتى ۋە ئالاقىدار رەسىملەر بىزنى مەزكۇر ناھىيىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا يەنە بىر قېتىم دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇشقا ئۈندىمەكتە. مۇراجەتنامىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: مەنكى (.....) سىلەردىن پۇل ئەمەس، بەلكى ئۆيدىكى بالىلىرىڭلار كىيمىگەن ياكى كىيىپ تېخى كونىرىمىغان، تاشلىۋېتىشنى ئويلىشىۋاتقان كونا-يېڭى كىيىم-كېچەكلىرىڭلارنى سورىسام بېرەرسىلەرمۇ؟ قىش پەسلى يېتىپ كەلدى. خوتەن گۇما ناھىيىسى مۇجى كەنتى يېڭى باغ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوماق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قىش پەسلىنى ئىسسىق ۋە ئىللىق چىقىرىشى ئۈچۈن بىر تۈركۈم كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارغا موھتاجدۇر! ئەگەر ئېغىر كۆرمىسىڭىز مۇشۇ بالىلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى ئايىمىغان بولساق! تارقىتىپ قويسىڭىز ساۋاب بولىدۇ.
مۇراجىئەتنامىنىڭ ئاخىرىغا كىيىم-كېچەك ئەۋەتىش ئۈچۈن مەكتەپ ئادرېسىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
بىز مەزكۇر مۇراجىئەتنامىگە دائىر ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مۇجى يېزىلىق يېڭىۋاغ مەكتەپكە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفون زىيارىتى ئارقىلىق شۇ نەرسە ئايدىڭلاشتىكى، مەكتەپنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي شارائىتى ياخشى ئىكەن، يەنى يېڭى سېلىنغان يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا يېتىدىكەن. پەقەت ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچى سىنىپ يېتىشمىگەنلىكتىن ۋاقتىنچە كونا بىنانىڭ ئىككى ئېغىزلىق سىنىپىدا ئوقۇۋېتىپتۇ. ئەمما، ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي جەھەتتىن دېھقانلارنىڭ پەرزەنتى بولغاچقا چۈشلۈك تاماق، ئوقۇش پۇلى ۋە دەرسلىك كىتاب ھەققى دېگەنلەر كەچۈرۈم قىلىنغان بولسىمۇ، بىز خەۋەر تاپقان نۆۋەتتىكى قىشلىق كىيىم قىيىنچىلىقى كېلىپ چىققان ئىكەن.
بىز بۇ ئەھۋاللارنى يەنىمۇ دەلىللەش ئۈچۈن گۇما ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئىدارە باشلىقى راھمانجان مەمەتتىن ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىن قايتىش سەپىرىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز گۇما ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا گۇما ناھىيىسىنىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ناھىيە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي خىزمەتچى خادىممۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللىدى. شۇ يوسۇندا ئەنخۇي ئۆلكىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان گۇما ناھىيىسىنىڭ بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىشى ئارقىسىدا يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارنى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نىڭ تەلىپى بويىچە ئاۋۋال ئەنخۇيدا بىرنەچچە قارارلىق تەربىيىلەش كۇرسى باشلانغانلىقى، كېيىنچە بۇ خىلدىكى ياردەمنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئەنخۇيدىن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرنەچچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، گۇمىغا كېلىپ مائارىپ ساھەسىگە ئىشقا چۈشكەنلىكى ئايان بولدى. مۇجى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى بىر خىزمەتچى خادىممۇ يېڭىۋاغ مەكتىپىدە خىتاي بالىلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
گۇما ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلار گۇمىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.