ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردىن قوش تىل مائارىپىنىڭ ماھىيىتى ئاشكارىلانماقتا

0:00 / 0:00

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدا يەسلى مائارىپىدىن باشلاپ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان «قوش تىل مائارىپى» سىياسىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ توغرىسىدا تۈزگەن قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ ھالدا، پەقەت خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىل قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتى ھەتتا جىسمانىي ۋە ئەقلىي تەرەپلەردىن نورمال ئۈسۈپ يېتىلىشىگىمۇ بەلگىلىك توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا . يېقىندا ئۇندىدار، فاچەبووك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇستىلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى سالاھىتىدىكى بەزى خىتاي ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن تارتىلغان، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتايچىنى تەلەپپۇز قىلالماي قىينىلىۋاتقانلىقىنى مەسخىرە قىلغان كۆرۈنۈشلىرى تارقالدى، بۇ خىل ئۇچۇرلار بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ قوش تىل مائارىپىغا بولغان ئەندىشىلىرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىق كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا قوش تىل مائارىپ سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىگە قارىتا، قايتىدىن ئەندىشە قوزغىدى.

بەش، ئالتە ياشلاردىكى بۇ ئۇيغۇر بالىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر يېرىم مىنۇتلۇق كۆرۈنۈشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە پىكىر ئىپادە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قانداق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغانلىقى بىزگە مۈجمەل بولسىمۇ ئەمما چەتئەللەردىكى ئەركىن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئىنكاسلاردىن، بۇ كۆرۈنۈشىنىڭ ھىجرەتتە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلارغا، ئەندىشىگە چۆكتۈرگەن بولسا، يەنە بەزىلەرنىڭ خىتاينىڭ مىللىي كەمسىتىشىدىن خورلۇق ھېس قىلغانلىقى، غەزەپ نەپرەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەخمەت ھاجى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېس قىلغانلىرى ۋە ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى نامىدا 2004-يىلى ‹‹قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار›› نى تارقىتىپ ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل ئوقۇتۇشى دېگەنلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوقۇتۇشىدا ئالاقىدار دەرسلەرنى دۆلەتنىڭ ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل-يېزىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى قوللىنىلىدىغان بىر خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل ئوقۇتۇشى قانداق ئوقۇتۇش؟» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا «قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىككى خىل (ئىككى خىلدىن كۆپ) تىلنى ئوقۇتۇشتىكى ۋاسىتە تىل قىلغان ئوقۇتۇش تۈزۈمى ياكى ئوقۇتۇشى ئەندىزىسى. قوش تىل دەرسلىرى سىستېمىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە قوش تىل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى مىللىي تىل-يېزىقنىمۇ، خەنزۇ تىل-يېزىقىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر مائارىپ كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مائارىپ قانۇن مىزانلىرىنىڭ ھەممىسىگە خىلاپ ھالدا يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنى نوقۇل ھالدىكى سىياسەت سۈپىتىدە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارغىچە كېڭەيتىپ پەقەت خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بارماقتا.

بۇ يىل بېشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا نۆۋەتتە، قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىدىن 34 مىڭ 500 ئادەم كەم بولماقتا دەپ كۆرسىتىپ ۋە يەسلىلەردە قوش تىللىق تەربىيىلەش بويىچە ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئىش ئورۇنلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار پىلانىنى يولغا قويۇپ، بۇ پىلان بويىچە نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى ئاساس قىلىپ يەسلىلەرگە مەملىكەت دائىرىسىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.

خىتاي قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ نىشانىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە قوش تىل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى مىللىي تىل-يېزىقنىمۇ، خەنزۇ تىل-يېزىقىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇر زىيالىيلار، پائالىيەتچىلەر بولسا يىللاردىن بۇيان خىتاي يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل ئوقۇتۇشى ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى قوش تىللىق بويىچە تەربىيىلەش ئەمەس، بەلكى خىتايچە تىل ۋە ئاڭغا يېتەكلەش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلدى. بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ زور ئەندىشە قوزغىغان تەرىپى يەسلى مائارىپىدىمۇ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئارقىلىق تېخى ئانا تىلىمۇ تولۇق چىقمىغان سەبىيلەرگە پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئىدى.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرى تارتىپ تارقاتقان ئۇيغۇر يەسلى بالىلىرىنىڭ قوش تىل ئۆگىنىش جەريانىنىغا دائىر قىسقا فىلىملارنىڭ مەيلى قانداقلا مەقسەتتە تارقىتىلغان بولمىسۇن ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپىنىڭ نىشانىنى ۋە خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بولسا قوش تىل مائارىپى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزاملارغىمۇ خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. ئەمەلىيەتتە ، ئاتالمىش قوش تىل ئوقۇتۇشى تۈزۈمى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرچە، خىتايچە ئىككىلا تىلدا راۋان سۆزلىيەلمەيدىغان ۋە پىكىر قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

ئۈرۈمچىدە 10 نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە گېرمانىيەدىكى ئابدۇۋەلى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا قانداق زىيان قىلىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق بىر مىسال سۈپىتىدە تارالغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن،پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇر بالىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئۇچراۋاتقان بۇ ئەھۋالغا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.