خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا تەدرىجىي كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يۈرگۈزگەن قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى 2008-يىلىغا كەلگەندە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق رەسمىي قانۇنلاشتۇردى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا قوش تىل يەسلى مائارىپىدىن ئىبارەت مەزمۇن قوشۇلدى.
خىتاي دائىرىلىرى مانا بۇ بەش يىلنى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تەرەققىياتىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر جەريان، ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىللىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشتە بېسىلغان چوڭ قەدەم دەپ تەرىپلەيدۇ، ھالبۇكى ئۇيغۇر زىيالىيلار قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى رەسمىيلەشتۈرۈلگەن بۇ بەش يىلنى، ئۇيغۇر مائارىپى، ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ئەڭ زور چېكىنىش بولغان، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىگە زور بۇزغۇنچىلىق سېلىنغان بىر جەريان بولدى دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.
قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ھەققىدە مۇخبىرىمىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.