خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا قوش تىللىق مائارىپنى تەدرىجىي كۈچەيتىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى دەپ تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. يېقىندا دائىرىلەر يەنە، بايىنغولىن ئوبلاستىنى مەركەز قىلغان ھالدا 2017-يىلى ئىچىدە تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار ئۈچۈن «3 يىللىق ھەقسىز قوش تىل يەسلى مائارىپى» نى ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر پىلان ئۇيغۇر مائارىپىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى.
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، كورلا قاتارلىق جايلاردا 2017-يىل ئىچىدە «3 يىللىق ھەقسىز قوش تىل يەسلىلەر» نى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلىشى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.
مەزكۇر خەۋەر ئەڭ ئاۋۋال خىتاينىڭ «جۇڭگو مائارىپى تورى» نىڭ 6-دېكابىردىكى سانىدا خىتاي تىلىدا بېرىلگەن بولۇپ، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، تورداشلار ئارىسىدا ئىنكاس قوزغىغان.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستىدا 6-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان «ئوبلاست تەۋەسىدە 3 يىللىق قوش تىللىق يەسلىنى ھەقسىزلەشتۈرۈش پىلانى» سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، 2016-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنىگە قەدەر كورلادا ئوبلاست بويىچە 142 ئورۇندا «قوش تىللىق يەسلى» قۇرۇلۇپ، يەسلىلەردىكى بالىلار سانىنىڭ 3963 نەپەرگە يەتكەنلىكى، ھازىرغىچە 330 نەپەر قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسى تەربىيىلەنگەنلىكى، 2017-يىللىق پىلاندا پۈتۈن ئوبلاست بويىچە 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان گۆدەكلەردىن 11 مىڭ 678 بالىنى 3 يىللىق قوش تىللىق يەسلىلەردە ھەقسىز ئوقۇتۇش ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر خەۋەر ھەققىدە خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن ئۈندىدار قاتارلىقلاردا يېزىلغان ئىنكاسلاردا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىل مائارىپىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش، ئەپسۇسلىنىش تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن. ئاسىيە ئىسىملىك بىرەيلەن ئۆز ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ،«بۇ خەۋەردىن خوش بولالمىدىم، ئەگەر قوش تىللىق يەسلى بۇ قەدەر ئومۇملاشسا، قوش تىللىق يەسلىگە بارمىغان بالىلارنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىگە توسالغۇ بولارمۇ؟» دەپ يازغان بولسا، قەشقەردىن ئىنكاس يازغان شاۋكەت ئىسىملىك يەنە بىرەيلەن ئىنكاسىدا «مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە 30 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ بۇ يىل دەم ئېلىشقا چىقتىم. بۇ يىل 9-ئايدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا مەكتىپىمىزگە ئېلىپ كېلىنگەن بالىلاردىن ئۇلارنىڭ قوش تىللىق يەسلىلەردە ئوقۇغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات تەلەپ قىلىندى. ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن ئاتا، ئانىلارنىڭ بالىلىرى مەكتەپكە تەسلىكتە قوبۇل قىلىندى. ئەگەر يەسلى مائارىپىدا مەجبۇرىي ھالدا قوش تىللىق مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى ئائىلىسىدە ئانا تىل تەربىيىسى ئېلىش ئىمكانىيىتى پۈتۈنلەي يوقايدۇ، بۇنىڭغا ئاتا-ئانىلارلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئۇيغۇرلار جىددىي دىققەت قىلىشى كېرەك» دېگەن ئىنكاسنى يازغان.
ئىلى دىيارىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم بۇ خەۋەردىن ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇندىن 3 يىل ئىلگىرى يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىن خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى، دېگەن باھانىدە خىزمەتتىن توختىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر، يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىمۇ قوش تىللىق يەسلىلەردە ئوقۇتۇش تەلەپ قىلىنسا، ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ ئائىلىدە ئاتا-ئانىلىرىدىن ئانا تىل تەربىيىسى ئېلىشتىن مەھرۇم قېلىش، نۆۋەتتە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈۋاتقان ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئىشسىز قېلىش خەۋپى يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ۋە ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مېھرىئاي خانىملار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يەسلى مائارىپىنىمۇ «قوش تىل يەسلىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇشى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئانا تىل ۋە ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئۆرپ-ئادەتنى ئائىلىدە ئۆگىنىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا بولسۇن، ياكى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسۇن، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇ خىل يۈزلىنىشكە جىددىي قارىشى ۋە ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
دوكتور قاھار بارات ئەپەندى دائىرىلەر يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشلاشتۇرۇش، ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مېھرىئاي خانىم ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دائىرىلەرنىڭ خەلقئارا مائارىپ قانۇنى ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان ۋە ئىجرا قىلىۋاتقان مىللىي مائارىپ قانۇن، بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا بۇ خىل پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇلغان ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى» نى يولغا قويۇشىنىڭ يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ۋە مىھرىئاي خانىملار يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەللەردىكى ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى قوغداشتا قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇلار ئۆز بايانلىرىدا يەنە، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئانا تىل مائارىپىنى قوغداش ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۆز شارائىتىنىڭ يېتىشىچە شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەت تەربىيىسىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئەمەلىي شارائىتنى ھازىرلاشنىڭ مۇھىم ۋە زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.