ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىغا سېلىنىۋاتقان مەبلەغنىڭ كۆپى «قوش تىل» مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا قارىتىلغان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قوللىنىلىۋاتقان «قوش تىل مائارىپ سىياسىتى» نامىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى سۈرئەت بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۈچ چىقارماقتا.

ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ نازارىتى ئېلان قىلغان سانلىق رەقەمدىن قارىغاندا 2012 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپىغا ئاجرىتىلغان 50 مىليارد سومغا يېقىن مەبلەغنىڭ زور قىسمى يەنىلا قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن. دائىرىلەرنىڭ قوش تىل مائارىپىنى سۈرئەت بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشتىكى بۇ قەتئىي نىيىتى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇتۇۋاتقانلارنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، 2012 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا مائارىپقا جەمئىي 47 مىليارد 200 مىليون سوم مەبلەغ سالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان مائارىپ تۈر مەبلىغىنىڭ 11 مىليارد سومدىن كۆپرەككە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىللىي مائارىپى كۆپلەپ مەبلەغقە، مائارىپ سۈپىتى، ئوقۇ - ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بىر پەيتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەۋەردىن قارىغاندا يۇقىرىدىكى مەبلەغنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت يەككە تىلنى ئاساس قىلغان «قوش تىل مائارىپى» نى ئومۇملاشتۇرۇشقا قارىتىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، 2012 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە دۆلەتنىڭ تۈر پىلانىدىكى قوش تىل يەسلىدىن 2237 يەسلى قۇرۇلغان ھەمدە يېزىلارنىڭ ئوقۇشتىن بۇرۇنقى قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى پىلانى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، قوش تىل ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلىرى، يېزا قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 16800 ى تەكلىپ قىلىنىپ، ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، دەسلەپتە 2000 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى خىتايدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇشنى تەجرىبە قىلدى. 2006 - - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە قوش تىل تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلدى، تەدرىجىي ھالدا مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن خىتاي مەكتەپلىرى بىرلەشتۈرۈلدى. ئارقىدىنلا باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلدى. 2012 - يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەر قوش تىللاشتۇرۇلۇپ بولدى ۋە قوش تىل يەسلىسى بولمىغان بىرمۇ يېزا قالماسلىق نىشانىغا يەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا بولغان تەقەززاسى قاتتىق كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قوش تىل مائارىپى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا مەخسۇس «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى سىياسىتى قوللانمىسى» نى تۈزۈپ چىقىپ، بۇنى ھەرقايسى دەرىجىلىك مائارىپ ئورگانلىرىغا تارقاتقان. مەزكۇر قوللانمىدا پارتىيىنىڭ قوش تىل سىياسىتىنى يولغا قويۇشى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى، قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىغا ئوخشاش بىر قاتار يوليورۇقلار يەر ئالغان بولۇپ، دائىرىلەر ھەرقايسى يەرلىك مائارىپ ئورگانلىرىدىن قوللانمىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى، قوش تىل مائارىپىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپىغا ئىزاھات بەرگەندە، بۇنى خىتاي تىلى ۋە ئانا تىلىنى راۋان سۆزلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ يېىتىشتۈرۈش، مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ خىل تىللىق قىلىش دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىملىياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارايدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىزمۇ كۆپ خىل تىللىق بولۇشقا قارشى ئەمەسلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى نىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆپ خىل تىللىق قىلىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

قوش تىل مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى زىيالىيلار، ھەتتا قوش تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ بىئارام قىلماقتا. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى بىر تورداش تورغا يازغان ئىنكاسىدا بۇ سىياسەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ «ھازىر، بالىلىرىمىزنى قوش تىلغا بىرىش ياكى ئانا تىلغا بىرىش ھەققىدىكى تاللىشىمىز كەلمەسكە كەتتى، ھەممە يەر مەجبورىي قوشتىللاشتۇرۇلدى، قوش تىلدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق ئاياقنىڭ پۇتىمىزغا دەل كەلمىگەنلىكى ياكى غاجاپ جاننى ئاغىرىتىۋاتقانلىقىنى سورايدىغان ئادەم يوق» دەپ يازغان. قوش تىل مائارىپى ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى نۇرغۇن پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتايچە دەرس بېرەلمەيدۇ، دېگەن باھانە بىلەن مەكتەپتىن يىراقلاشتۇرۇلۇشىغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس بېسىمىنىڭ ھەسسىلەپ ئېىشىشىغا سەۋەب بولماقتا. يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىققان، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قىز رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا قاتتىق بېسىم پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپ دائىرىلىرى پىشقەدەم بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنى سىنىپتا ئەدەبىيات دەرسىگە ئۇيغۇرچە ئارىلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرگەنلىكى ۋە دوپپا كىيىپ دەرس ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن تەنقىد قىلغان. مەكتەپ دائىرىلىرى بۇ ئوقۇتقۇچىنى مىللىي ھېسسىياتى كۈچلۈك دەپ، ئۇنىڭغا مەكتەپتىن 3 ئاي ئۇزاقلاشتۇرۇش جازاسى بەرگەن. ئالىي مەكتەپلەردىكى ئەھۋال بولسا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۆز - ئارا ئامال بار ئۇيغۇرچە سۆزلەشمەسلىكىنىڭ تەلەپ قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تالاش - تارتىش ياراتقان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش چاقىرىقىنى يۇقىرىقىدىكى بارلىق نارازىلىقلارغا قارىماي يەنە داۋام قىلىشى ۋە ھەتتا ئۇنى كۈچەيتىش چاقىرىقى قىلىشى، بۇ سىياسەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە گۇمان قوزغىماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوش تىل سىياسىتىنى دەرھال ئاياقلاشتۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇ سىياسەتنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىغا بولغان رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتىۋەتكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇنچە جىددىيلىشىپ كېتىشنىڭمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.