ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» تىكى پەلسەپەۋىي ئىدىيەلىرى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

يېقىندا ياپونىيە كيۇشۇ يىپەك يولى جەمئىيىتىنىڭ يىللىق مەجمۇئەسى بولغان «يىپەك يولى» ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى شاھانە ئەسەرى قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالە ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر پەيلاسوپ ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» تىن ئىبارەت گىگانت ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەلسەپەۋىي ئىدىيىلەر ئۈستىدە يېڭىچە قاراشلار بايان قىلىنغان.

«يىپەك يولى» ژۇرنىلى بولسا ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات مەجمۇئەلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى، يىپەك يولى تەتقىقاتىغا ئائىت تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېڭى تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سانىغا «قۇتادغۇ بىلىك» گە ئائىت مەزكۇر ماقالىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارغا ئائىت يەنە بەزى بىر تەتقىقات ماقالىلىرىمۇ بېسىلغان.

بىز مەزكۇر ماقالە ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ماقالە ساھىبى مۇختەرجان ئابدۇراخمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.