خىتايلارنىڭ شەھەر قۇرۇشىغا رۇخسەت، ئۇيغۇرلارنىڭ يەسلى قۇرۇشىغا رۇخسەت يوق

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارى تورىنىڭ 24 - ئاپرىلدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئورنى ئۈرۈمچىدە بولغان «خەلقئارا ئانا تىل سودا شىركىتى» دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق تۆت مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا يەسلى تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، تەڭرىتاغ رايونى تەۋەسىدىن بالىلار باغچىسى قۇرۇشقا لايىق بىر تۇرالغۇ جاينى ئىجارىگە ئالغان.

قۇرۇلۇش سۈپىتى تەلەپكە لايىق بولغان بۇ تۇرالغۇنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ۋە بالىلار باغچىسى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تولۇق ھازىرلاپ، تەستىققا ئېرىشىش ئۈمىدىدە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بارغان. ئەمما ئانا تىل شىركىتى خادىملىرىنىڭ ئىلتىماسىنى ھازىرغا قەدەر «بۇ دېگەن قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە قارشى تەلەپ، تەستىقلاشقا بولمايدۇ» دەپ رەت قىلىدىغان بىرمۇ ئورگان چىقمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يەسلى قۇرۇش ئىشى يەنىلا ئەمەلگە ئاشماي كەلمەكتە. ئانا تىل شىركىتى خادىملىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسى، شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى دېگەندەك تالايلىغان ئىدارە - ئورگان ئارىسىدا ئايلارچە قاتراپ يۈرۈپ، يا بولىدۇ، ياكى بولمايدۇ، دېگەن جاۋابقا ئېرىشەلمەي پەرىشان بولماقتا.

ۋەھالەنكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قازاق زىيالىيلىرى يەنە باشقىچە مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا. قازاقچە «كۇلتەگىن» مۇنبىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تارباغاتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدە «قوشتىللىق مائارىپ» قا قارشى چىقىپ، قازاقچە مەكتەپلەرنى ئېچىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن قازاق زىيالىيلىرىنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان. تارباغاتايدىكى قوشتىللىق مەكتەپلەر مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قوشتىلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قازاق پەرزەنتلىرىنىڭ قايسى تىلدا ئوقۇشنى خالىسا، شۇ تىلغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قازاق ئاتا - ئانىلارغا يېڭىدىن مەكتەپكە تىزىملىتىش جەدىۋەللىرىنى ئەۋەتىپ، مەكتەپ تاللاش ھوقۇقىنى بەرگەن. بۇ يېڭى پىرىنسىپ بويىچە، تارباغاتايدا بۇ يىل 9 - ئايدا قازاق تىلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاش تەييارلىقى باشلىنىپ كەتكەن.

بىراق، ئۇيغۇر ئانا تىلىدا يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قۇرۇش يولىدا يىللاردىن بۇيان پىداكارلىق كۆرسىتىپ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەر تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچراپ، ئۈرۈمچىدە تېخىچە ئۇيغۇر تىلىدا بىر يەسلى قۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلمەي كەلمەكتە. ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىگە كۆرە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلدا مەكتەپ ئېچىش غايىسىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ»قا جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ قازاق خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت تېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇمكى، بۇ يىل 19 - مارت كۈنى قەشقەردىكى «نۇرخان تىل تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ «رەسمىيەتلىرى تولۇق ئەمەس» دېگەن باھانىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. شۇ كۈنى يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئانا تىل سودا شىركىتى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى «ئۇيسۇن» رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان نورۇز پائالىيىتىنى مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەشھۇر زاتلىرىدىن مىڭغا يېقىن كىشى تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ۋەقەلەرنى توردا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «ئانا تىلدا مەكتەپ قۇرۇش» تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق يازمىلارنى توردىن يۇيۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يىتەلمىگەن. بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ تېمىغا نەزەرلىرىنى ئاغدۇرۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ 24 - ئاپرىلدىكى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئانا تىل سودا شىركىتى بۈگۈن قايتىدىن يېزىپ چىققان «ئانا تىل بالىلار باغچىسى قۇرۇش ئىلتىماسى» نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىدارىغا يوللىماقچى بولغان. تور بەتلىرىگە ئاشكارىلانغان بۇ ئىلتىماستا، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى قاتارلىق جايلاردىكى قانچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر، قازاق پەرزەنتلىرىنىڭ تېگىشلىك يەسلى تەربىيىسى كۆرۈش شارائىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئىلتىماستا، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى 2003 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېلان قىلغان «يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىر» ناملىق 2003 13 نومۇرلۇق ھۆججەت، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقراۋى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقراۋى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ ئىجارە نىزامنامىسى»، «يەسلى مائارىپىنىڭ يىتەكچى مەزمۇنى»، «يەسلى خىزمىتى بەلگىلىمىسى»، «يەسلىلەرنى باشقۇرۇش قائىدىسى»، «3 ياشتىن 6 ياشقىچە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى»، «پۈتۈن كۈنلۈك ۋە ياتاقلىق يەسلىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۈرۈش ئۆلچىمى»، «يەسلى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ لايىھىلىنىش ئۆلچىمى» ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بېسىپ تارقاتقان پۇقراۋى مەكتەپلەرنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش قوللانمىسىنىڭ يەسلىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا تەستىقتىن يىراقتا قالغان.