7-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 2015-يىللىق خىتاي ئۆلكە(شەھەر)لىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرىكى 20 مىڭ ئاساسىدا يەنىمۇ كۆپەيتىدىكەن، ھازىر بۇنىڭ كونكرېت لايىھىسى تۈزۈلۈۋېتىپتۇ. 2015-يىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات يېڭى نىشانىدا «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش بېكىتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى يۆلەش» نامىدا كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.
ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوتتۇرا، ئالىي ۋە تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار سانى 130 مىڭ بولۇپ، خىتاينىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات يېڭى نىشانىنى بويىچە بۇ يىل خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى ئېچىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىدىكەن ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئىككى خىل شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ بۇلتۇرقى 20مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى 30مىڭغا يەتكۈزىدىكەن.
ئۆتكەن پەيشەنبە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يىللىق مائارىپ خىزمەت يىغىنىدا مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر نۇقتا «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» بولۇپ، دائىرىلەر يىغىندا «مەركەزنىڭ ھەر تۈرلۈك ئوقۇتۇش تەلەپلىرىنى بىر-بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، ‹كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيىلەش، قانداق ئادەم تەربىيىلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيىلەش›نى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيىۋى-سىياسىي خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيىۋى-سىياسىي جەھەتتە تەربىيىلەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلى خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونى مائارىپ نازارىتى شىنجاڭ سىنىپلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمى مۇدىرى سۈن چىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە«بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى مەكتەپ ئوقۇتۇشىنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرىدۇ.»
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ چاۋنىڭ مائارىپ خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە: «بۇ يىل ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسى ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى» لايىھىسىنى تۈزىتىدىكەن، بولۇپمۇ ئەخلاق تەربىيىسى ۋە ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش باش تېمىسىدىكى مەركەزلىك تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى داۋاملىق كەڭ قانات يايدۇرىدىكەن. جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ پەرقىنى كۈچەپ ئازايتىش، «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىغا قاراتقان بۇ يىللىق نىشانىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپ سىياسىتىنى «ئوچۇق -ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى» دەپ ئەيىبلىگەندىن باشقا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارغا خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش مۇقىملىق ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى مۇشۇ تۈردە مەجبۇرىي داۋام قىلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش، مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىمۇ كۈچەيتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپىنىڭ مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى توختاۋسىز يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈپ يېتىشى ۋە ساۋاق ئېلىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ يولسىز سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك» دەپ بىلدۈردى.
ھالبۇكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، خىتاينىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى قوش تىل مائارىپ نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئېلىپ كېلىۋاتقان سەلبىي نەتىجىلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن قەدىمىي تىل پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندى سۆزىنى «بىز بالىلىرىمىزنى خىتاي تىلى ئۆگەنمىسۇن دېمەيمىز، -دەپ باشلىدى ۋە ئارقىدىن مۇنداق تەكىتلىدى، -بىر تىلنى ئارتۇق بىلىش ئەلۋەتتە ياخشى، ئەمما ھازىرقى نەتىجىدىن قارىغاندا ‹قوش تىل› مائارىپىدا تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيلا قالماي، ئۆز تارىخى، دىن ۋە مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىدىنمۇ يادلاشتۇرۇلماقتا. بۇ مائارىپ ئەمەس. بۇ، ئۇيغۇر مائارىپىغا، ئەۋلادلىرىغا مەسئۇلىيەتسىزلەرچە ئېلىپ بېرىلغان بۇزغۇنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى تىل، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل سۈپىتىدە ساقلىنىشىدا بولسا مائارىپ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئۆز تىلى بويىچە ئەمەس، خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلىشى خىتايدىن بۇرۇن مۇكەممەللىشىپ بولغان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.»