«پارلاق كېلەچەك» نىڭ پۇرسىتىمۇ ياكى «تۇيۇق يولمۇ»؟

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-03-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«چوڭخۋا» ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇراخمان مەمەت خىتاي ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە. 2014-يىل 2-نويابىر، تيەنجىن.
«چوڭخۋا» ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇراخمان مەمەت خىتاي ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە. 2014-يىل 2-نويابىر، تيەنجىن.
cnn.com diki munasiwetlik maqalidin élin’ghan

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى

خىتاي تاراتقۇلىرى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەرقايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تەسىس قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «پارلاق كەلگۈسى» يارىتىشتىكى قىممەتلىك پۇرسىتى، دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.

ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپلىرى» راستىنلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «پارلاق كەلگۈسى» يارىتىشتىكى بىر پۇرسەتمۇ ياكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى قەيت قىلغاندەك ئۇيغۇر بۈگۈنكى مائارىپىدىكى بىر «تۇيۇق يول» مۇ؟

بىز خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن بۇ ھەقتە ئىنكاس ئېلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆردۇق. ھالبۇكى، مەكتەپ دائىرىلىرى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ۋۇخەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى تېلېفونىمىزنى ئالدى. ئەمما ئۇ تېلېفوننىڭ چەتئەل مۇخبىرىدىن كەلگەنلىكىنى ئۇققان ھامان، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ سىياسىي مەيدان جەھەتتىن شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ تۇرۇۋالدى.

ئۇ بىزنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ سورىغان سوئاللىرىمىز داۋامىدا، ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر» ياكى «شىنجاڭدىن كەلگەن» لىكى سەۋەبلىك خىتايلار تەرىپىدىن كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى.

تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇيدىغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ھەر كۈندىكى 10 سائەتلىك دەرس ۋە كەچتىكى ئۆگىنىش تۈپەيلى ئۆزلىرىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى، ھاياتىنىڭ پەقەتلا مەكتەپ قورۇسىدىكى تۆت تام ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا بىز جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرستېتتە ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر ئىستۇدېنت بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە 250 كە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇيدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى بىر قىسىم ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىچكىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى بىر يىلدا خەنزۇ تىلى بويىچە تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. ئاندىن ئايرىم سىنىپلارغا ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلاچى بولۇپ ئوقۇغانلار تاللىنىپ، خەنزۇ سىنىپلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ. ‹شىنجاڭ سىنىپى› دىكىلەرنىڭ دەرسلىك پروگراممىلىرى خەنزۇ سىنىپلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئالاھىدە پروگرامما بويىچە ئوقۇيدۇ. ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھەرقانداق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدۇ. شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ سىرتلارغا رۇخسەتسىز چىقالمايدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار يېرىم يولدىلا بېسىم تۈپەيلى قارشىلىق تۇيغۇسى شەكىللىنىپ، مەكتەپتىن چېكىنىپ كېتىدىغانلىرىمۇ بار. ئىشقىلىپ، مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىنىڭ تاللىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئېرىشكەنلىرىدىن بەلكى يوقاتقانلىرى كۆپ بولىدۇ»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى نويابىردا خىتاي ھۆكۈمىتى س. ن. ن. نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ تيەنجىندىكى «چوڭخۋا ئوتتۇرا مەكتىپى» گە بېرىپ، «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلىشىغا تۇنجى قېتىم يول قويغان ئىدى.

زىيارەت جەريانىدا س. ن. ن. مۇخبىرى «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي خاراكتېرلىك دەرسلەرنىڭ ئالاھىدە كۆپ ئۆتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.

مەكتەپ مۇدىرى لى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇلارغا ئاساسىي مائارىپ تەربىيەسى بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى دۆلەتنى سۆيىدىغان كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرىمىز».

مەكتەپ مۇدىرى لى يەنە مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «بىز باشقۇرۇش جەھەتتىن ئۇلارغا ئالاھىدە چەكلىمە قويىمىز. چۈنكى بۇ مەكتەپ، مەسچىت ئەمەس. بىز ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ناماز ئوقۇشىغا يول قويمايمىز!»

ئاۋسترالىيە لاتروبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمېس لايبولدت بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: «"شىنجاڭ سىنىپى "نىڭ سىياسىي نىشانى ئەمەلىيەتتە جۇڭخۋا ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە ئىگە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشتۇر. ئۇلار كەلگۈسىدە شىنجاڭغا قايتۇرۇلۇپ، كومپارتىيە ۋە ئۇ باشقۇرىۋاتقان جۇڭگو ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشقا پىلانلانغان. ۋاھالەنكى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بۇ جەھەتتە سوققان چوتىنىڭ ئۇنچىلىك ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. ھېس قىلىشىمىزچە، مەزكۇر پروگراممىغا جەلپ قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا جۇڭگولۇق كىملىكىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنىڭ كۈچىيىپ بارغانلىقى مەلۇم بولماقتا.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت