مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋە ساقچىلىرى ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.
رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى ئىچكى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى بىر-بىرلەپ چاقىرتىپ، ئۇلارنى شەخسىي ھاياتى ۋە دىنىي خاھىشى ھەققىدە سوئال-سوراق قىلغان.
رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مەخسۇس «شىنجاڭ تەشۋىقات ئۆمىكى» ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە ساقچىخانىلار شۇ جايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم-ئايرىم چاقىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن.
خەۋەر تېپىشىمىزچە، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا چاقىرتىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن پاسپورت بېجىرگەن ياكى بېجىرمىگەنلىكىنى، چەتئەلگە چىقىش پىلانىنىڭ بار-يوقلۇقىنى، يېقىندا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي كەيپىياتى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي سورىغانلىقى مەلۇم.
خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىدە ئوقۇۋاتقان مەلۇم بىر ئۇيغۇر ستۇدېنت بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بەزى ئەھۋاللاردىن ئۇچۇر بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى ئايدا ئۈرۈمچىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ شۇ يەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بولغان نازارىتى بىراقلا كۈچەيگەن. دېڭىز بويىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋە ساقچىلىرى ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوخشىمىغان كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى بىر-بىرلەپ سۆھبەتكە چاقىرغان.
ئايرىم-ئايرىم ھالدا چاقىرتىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئامانلىق ئىشخانىسىدا ساقچىلارنىڭ ئىنچىكە سوئال-سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن سورالغان ئاساسلىق سوئاللار پاسپورت، چەتئەلگە چىقىش، كەلگۈسى پىلان، قاتارلىق تېمىلارغا مەركەزلەشكەن. ئاخىرىدا ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن يېقىندا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا قانداق قارايدىغانلىقى، دىنىي خاھىشى ۋە مايىللىقى شۇنىڭدەك مەكتەپتە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقى قاتارلىق سوئاللار سورىلىپ خاتىرە قالدۇرۇلغان.
مەزكۇر ئوقۇغۇچى ئاخىرىدا، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئوخشىمىغان ھالدا تاكى ئالدىنقى يىلىغىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەردە بولۇشىنى چەكلىمىگەنلىكىنى، ئەمما مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ بۇ يىلقى رامىزانغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.