«دۇنيا ئانا - تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 22 - فېۋرال كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھىرىگە قاراشلىق تېنىستا رايوننىڭ كۈتۈپخانا پائالىيەت زالىدا «ياشلار ئانا - تىل جەمئىيىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قالايلى» دېگەن ماۋزۇدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى سائەت 14:00دە باشلاندى.
پائالىيەتكە شىۋېتسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىلغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ۋەكىللىىردىن 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
«مەھمۇت قەشقىرى ئانا - تىل مەكتىپى» ئوقۇغۇچىللىرى تەييارلىغان شېئىر، ئېپىزوتلار پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.
پائالىيەت ئاخىردا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرغان «شىۋېتچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت» پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى.
زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان پائالىيەت رىياسەتچىسى ئابدۇللا ئەھەد پائالىيەت ھەققىدە توخالدى.

بۇ پائالىيەتتە شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زىيالىيلاردىن مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىمنىڭ خانىمى بەختىگۈل ئابدۇرېھىم «ئانا تىل ۋىجدانىمىزدۇر» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
پائالىيەت جەريانىدا شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر يېقىملىق ناخشا - مۇزىكىلارنى ئورۇنلىدى.
پائالىيەتكە يىراق شەھەردىن كېلىپ قاتناشقان قۇندۇز ھامۇت خانىم بۇ پائالىيەتتىكى تەسىراتىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
بۇ خەۋەرنى شىۋېتسىيەدىن ئېھسان تەييارلىدى.