ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتىنىڭ 2-قېتىملىقى شىۋېتسىيەنىڭ گولاگوردۇن ساياھەت رايونىدا 20-ماي كۈنى رەسمىي باشلاندى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، گوللاندىيە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان.
بۇ قېتىملىق دالا پائالىيىتى 20 - مايدىن 22 - مايغىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە تۆت دۆلەتتىن 50 كە يېقىن يېشى 10ياشتىن 18ياشقىچە بولغان ئوغۇل-قىز ئۆسمۈرلەر قاتناشقان.
بۇ نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتىدە مۇسۇلمانلار ۋە ئەخلاق، تەشۋىقات ۋە ئۇچۇرنىڭ رولى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مەشھۇر شەخسلەر، ئىنتېرنېت ۋە ھايات، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرۇلغان دۆلەتلىرى، قۇرئان ۋە پەن -تېخنىكا دېگەن مەزمۇنلاردا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەر خىل شەكىلدىكى ئويۇن خاراكتېرلىك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.
پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ساياھەت رايونىدىكى بايراق چىقىرىش خادىسىغا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئەھەتنى زىيارەت قىلدۇق.
پائالىيەتكە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى مۇھەممەتئەلى قارىم پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.
گوللاندىيە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشۋىقات مۇدىرى ھۈسەنجان تەجەللى ئۆزى سۆزلىگەن لىكسىيەنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاڭلاتتى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىغمەت تۇرسۇن بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقىنى ھەمدە پائالىيەتتىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەت 22-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن غەلىبىلىك تاماملىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئۆسمۈرلەر بىر-بىرى بىلەن كۆز ياشلىرى بىلەن خوشلاشتى.