شۋېتسىيەدىكى مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى ئانا تىل تەربىيىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

0:00 / 0:00

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، شۋېتسىيەدە قۇرۇلغان مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى 2007 - يىلى 6 - ئايدا شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، مەكتەپ ھەر شەنبە كۇنى ئەتىگەن سائەت 10:00دىن 14:00گىچە دەرس ئۆتىدۇ. مەكتەپ شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىسلام دىنى دەرسلىكى تەسىس قىلغان.

مەكتەپ دەرسلىك پروگراممىسىدا بالىلارنىڭ ئانا تىلدىن ساۋادىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ ئەتراپلىق تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغان.

ئىسلام دىنى دەرسلىكى قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىش ۋە يادقا ئېلىشتىن باشقا، ھەدىسلەر، ئەدەپ - ئەخلاق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىچىگە ئالغان.

مەكتەپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا - تىلى، ئەقلى - ئەخلاقى جەھەتلەردە ياراملىق پەرزەنتلەردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىشنى نىشان قىلغان.

بىز مەكتەپ توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ۋە دىنىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سوھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.