«سىدنېي ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» ئوقۇتقۇچىسى شتات بويىچە ئىلغار ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالاندى

0:00 / 0:00


28 - ئىيۇن ئاۋسترالىيەدىكى «سىدنېي ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» ئوقۇتقۇچىسى شتات بويىچە ئىلغار ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى.

مەزكۇر مۇكاپات ئۈچۈن باھالاش ھەر يىلى بىر قېتىم ئاۋسترالىيە يېڭى جەنۇبىي ۋالېس شتاتىدا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئانا تىل مەكتەپلىرى ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىللىق باھالاشقا 250 مەكتەپ قاتناشقان.

باھالاشتا بۇ 250 ئانا تىل مەكتىپى ئىچىدىن 10 ئىلغار ئوقۇتقۇچى تاللاپ چىقىلغان. نەتىجىدە «سىدنېي ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» ئوقۇتقۇچىسى ئىلياس قاسىم ئەلا باھالىنىپ، شۇ ئون نەپەر ئىلغار ئوقۇتقۇچى سېپىدىن ئورۇن ئالغان.

مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا شتات باشلىقى ئالاھىدە قاتناشقان ۋە مۇكاپاتنى ئۆز قولى بىلەن تارقاتقان.

«سىدنېي ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» قۇرۇلغان بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر خىل ئىسسىق - سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئىدى.

مەزكۇر مەكتەپنىڭ شۇنچە كۆپ مەكتەپ ئىچىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشى ۋە بىر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىلغار بولۇپ باھالىنىشى مەكتەپكە ئەجىر سىڭدۈرگەن شەخسلەر ۋە ئاتا - ئانىلارنى سۆيۈندۈرگەن.

ئىلياس قاسىم ئەسلى ئۈرۈمچى 14 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، نۆۋەتتە سىدنېيدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئېلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئىكەن.