قىرغىزىستاندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى شەمشىدىن ئابدۇرېھىمنىڭ ئالتە بابتىن تەركىب تاپقان «تاللانما ماقالىلەر» ناملىق كىتابىنى تارقىتىش مۇراسىمى 3-دېكابىر كۈنى بىشكەكتىكى «ئاۋات» رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتورنىڭ بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان بولۇپ، مۇئەللىپ بۇ ماقالىلەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى ئىلىپ بېرىۋاتقان ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان. كىتابتا يەنە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى يارقىن سىمالار، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر ئىنسانلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان. ئومۇمەن كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ھەمدە مۇرەككەپلىكى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
مۇراسىمدا سۆز قىلغانلار، يېڭى ئەمگىكىنىڭ روياپقا چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتورنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدىكى خىزمەتلىرىنى يۇقىرى باھالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
مۇراسىمدىن كېيىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىتاب ئاپتورى شەمشىدىن ئابدۇرېھىم كىتابقا كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلار ۋە ئۆزىنىڭ ئۆمۈر بايانى ھەققىدە توختالدى.