يېقىنقى يىللاردىن بېرى، تۈركىيەگە ئۆز خىراجىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ بارماقتا. ئاخىرقى 10 ئايدىن بېرى تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن، ئۇلار ئائىلىسىدىن ئىقتىسادىي ياردەم ئالالمىغان. بۇ سەۋەبتىن ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قىينالماقتا. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بۇلارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا 2017 ۋە 2018-ئوقۇش يىللىرىدا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ سوممىسىنى ۋە سانىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ھەل قىلىشنى قارار قىلغان.
بىز «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مەزكۇر مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇدىرى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئالغان ئەدىرنەدىكى تىراكيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئۆمەر جامال، نەۋشېھىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئابدۇۋەلى ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» نىڭ بىر مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرنىڭ پۇل ئىئانە قىلىشى بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىنى، شۇڭا 2017 ۋە 2018-يىللىرى ئوقۇش مەۋسۇمىدا بۇنىڭ سوممىسىنى ۋە ئوقۇغۇچى سانىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇدىرى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى، مەزكۇر ئاكادېمىيىنىڭ 2009-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە كۇرس بەرگەنلىكىنى، ھازىر مىسىردىن كەلگەن 75 ئوقۇغۇچىغا تۈرك تىلى ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» نى ئالغان ئەدىرنەدىكى تىراكيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئۆمەر جامال ئەپەندى ئۆزىنىڭ «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپات» پۇلىنى ئالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇۋاھىت ئەپەندى «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» نىڭ سوممىسىنى كۆپەيتىش پىكرىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى، بۇ ھالدا مەزكۇر مۇكاپاتنى ئالغان كىشىنىڭ ئوقۇشىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تۈركىيەدە «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» نى تېخىمۇ كېڭەيتىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى، چۈنكى تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى نۇرغۇن كونكرېت خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى مىساللار بىلەن بايان قىلىپ ئۆتتى.
مەمەتئەلى تەۋپىقنىڭ مائارىپ مەشئىلىنى تۈركىيەدە ياندۇرۇش مەقسىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى بىرقانچە مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرنىڭ ياردىمى بىلەن 2014-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى ئوقۇشتا ئەلا ۋە مىللىي روھى كۈچلۈك بولغان، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2014، 2015 ۋە 2016-ئوقۇش يىللىرىدا ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى، ئەمما ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېھتىياجلىق، ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۈچ باكالاۋر، 17 ماگىستىر ۋە 9 دوكتور ئوقۇغۇچىسى بولۇپ جەمئىي 29 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.