ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى ۋە ئۇ دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر مۇھاكىمە قىلىندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 15-مايدىن ‏‏17-مايغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى ۋە تىلشۇناسلىق مەسىلىسى ھەققىدە ئىلمىي يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك، موڭغۇل، تاتار، تۈرك، پاشتۇن، دارى، توۋا، ئەزەربەيجان قاتارلىق تىللاردىكى گرامماتىكىلىق، فونېتىكىلىق قۇرۇلما، تەرەققىيات جەريانىدا دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەت، تەھدىت قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەمدە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىمۇ قاتنىشىپ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق» نامىدىكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، يېقىنقى يىللاردا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تىل-ئۆرپ ئادەتلىرىگە ئائىت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر كېلىپ قاتناشقان كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان خەلقئارالىق يىغىن.

يىغىن 16،ۋە 17-ماي كۈنلىرى ئىككى كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تىللىرى ھەققىدىكى تەتقىقات تېمىلىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك، موڭغۇل، تاتار، تۈرك، پاشتۇن، دارى، توۋا، ئەزەربەيجان قاتارلىق تىللاردىكى گرامماتىكىلىق، فونېتىكىلىق قۇرۇلما، تەرەققىيات جەريانىدا دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەت، تەھدىت قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن ۋە يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ بۇ تىللار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

يىغىنغا ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتۈۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 10 نەچچە كىشى قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

يىغىننىڭ 1-كۈنى خىتاي غەربىي -شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن قەلبىنۇر ئابدۇراخمان، ئامېرىكا كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ماھىرە ياقۇپ قاتارلىقلار ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بەرگەن. خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىدىن قەيسەر «خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلى دۇچ كەلگەن تەھدىت» ناملىق ماقالىسىنى يىغىنغا يوللىغان. يىغىننىڭ شەنبە كۈنىدىكى كۈنتەرتىپىدە، ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئالېكساندىر سۇگار، ئامېرىكا يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چۇغلۇق ئابدىلىم، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن شېرىن ئارسلان قاتارلىق تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

ئامېرىكا يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى دەرسى بېرىۋاتقان چۇغلۇق خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوقۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى، شۇنداقلا يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل تەھدىتلەر ھەققىدىكى مۇنازىرىلىرى توغرىلىق توختالدى.

يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى، يېل ئۇنىۋېرسىتېتې، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋېسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتى، كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركەزلىرىدە، ئۇيغۇر تىل-مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىشخانىلىرى قۇرۇلۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە باشقا بىرقانچە تىل مەكتەپلىرىدە مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش سىنىپلىرى ئېچىلغان.

ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر تىلى سىنىپى، يېل ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردىكى ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار ۋە ئامېرىكىنىڭ بەزى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان چۇغلۇق خانىم، ئامېرىكىدا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چۇغلۇق خانىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ كۈچەيگەنكلىكىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى تەتقىقات مەركەزلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىدىغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چۇغلۇق خانىم بايانىدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى ۋە ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە ئىشتىياق باغلىغانلىقى ھەققىدە ئۇنىڭغا دېگەنلىرىنى نەقىل ئېلىپ، ئۆزى دەرس ئۆتكەن ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، ئېتىقادىنىڭ خىرىسقا ئۇچرىشى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تىل-مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق جەھەتلەردە باستۇرۇش، ئاسسىسمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇنداق بىر يىغىننىڭ ئېچىلىشى ۋە ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ۋاقتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا 2000-يىللاردىن كېيىن يولغا قويغان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلەۋاتقان، ئۇيغۇر ئانا تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان مەكتەپلەر مەجبۇرىي ھالدا «قوش تىللىق» مەكتەپلەر نامىدىكى خىتاي مائارىپى ئاساس قىلىنىدىغان مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشتىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىزلىق خەۋپىگە يۈزلەنگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان چەكلىمىللەر كۈچەيگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا نارازىلىق،قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.