بۇندىن ئىككى ئاي بۇرۇن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى دۆلەتنىڭ ئائىلىلىك قوروسىغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇيغۇر تىلى بىلەن دىنىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. قەيسەرىگە جايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 800 گە يەتكەن بولۇپ، 150 ئەتراپىدا ئۆسمۈرگە 3 سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىلدى. بۇ مەكتەپتە ھازىرچە ئۇيغۇر تىلى، قۇرئانى كەرىم ۋە دىن دەرسلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈرك تىلى دەرسى بىلەن ئۇيغۇر تارىخى دەرسىمۇ تەسىس قىلىنىدىكەن.
ئۇيغۇرلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئائىلە قوروسىنىڭ ئىچىگە قۇرۇلغان بۇ 3 سىنىپلىق مەكتەپ قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بەزى خەيىر ساخاۋەتچى تۈركلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، مەكتەپتە 3 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى دەرس بەرمەكتە. بىز بۇ مەكتەپ توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئۇزاقتا ئانا تىلىنى ۋە ئۆز دىنىنى ئۆگىنىشكە باشلىغانلىقىنى، چەتئەلدە ئېچىلىۋاتقان بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئەلى بەكىر ئەپەندى ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىلىنى، دىنىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئەتىگەندىن ئاقشامغىچە دەرس ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، ھازىرچە ئۇيغۇر تىلى بىلەن دىن دەرسى ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا تۈركچە، ئۇيغۇر تارىخى ۋە باشقا چەتئەل تىللىرى دەرسىلىرىنىڭمۇ تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00