تۈركىيە كاستامۇنۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن 70 نى ئالماقچى

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى پروفېسسور سېيىت ئايدىن ئەپەندى، ئۇ ۋە باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق 6 كىشىلىك بىر ھەيئەتنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە سۆزلەشكەن.

بۇ خەۋەر تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ خەۋەر قىلىندى.

«سىتار» ۋە «ساباھ» گېزىتلىرىنىڭ بۇ زىيارەت توغرىسىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، زىيارەت جەريانىدا سۆز قىلغان كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور سېيىت ئايدىن ئەپەندى، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلاردىن 17 ئوقۇغۇچىنى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ يىل 70 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇش ئۈچۈن كاستانۇمۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى، ئىمكانىيەت ۋە شەرت – شارائىتلارنىڭ يېتىشىچە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشىمىز. بۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ باشقا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئەلاچى بولۇپ ئوقۇيدۇ، دېگەن.

زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: شەرقىي تۈركىستان 65 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىشغال ئاستىدا، خىتاي، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئوقۇشنى چەكلىدى. كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆتكەن يىلى 17 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. بۇ يىل يەنە ئىلتىماس سۇنغان 70 ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ھۆرمەتلىك سېيىت ئايدىن ئەپەندىمدىن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوخشىمىغان كەسىپلەردە ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى. تۈركىيەدە ئوقۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش جەھەتتە ئەھمىيەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ھۆرمەتلىك سېيىت ئايدىن ئەپەندىگە بۇ ھەقتە بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر ئېيتىمىز.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئەت، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپى مۇئاۋىن رەئىسى مۇرات ئورخۇن رەئىس ۋەكىلى رامزان چاملىجا قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن.

ئۇيغۇر ھەيئەت، سېيىت ئايدىن ئەپەندىگە، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ، تون ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈردى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن.

«ساباھ» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور سېيىت ئايدىن ئەپەندى ئۇيغۇر ھەيئەتنى كاستامونۇدىكى تارىخىي ئورۇنلارنى، مۇزېيلارنى ئۆزى بىرگە ھەمراھ بولۇپ زىيارەت قىلدۇرغان. خەۋەردە، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يۈزدە 45% نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ 1949 – يىلى قۇرۇلغان قىسقا مۇددەتلىك شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە يەنە خىتاي كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇش ئۈچۈن رايونغا خىتايلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى، رايوننىڭ ھازىر نوپۇسىنىڭ يۈزدە 40% ئى خىتايلاردىن تەشكىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بىز بۇ ئۇيغۇر ھەيئەتنىڭ كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت ۋە ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇش مەقسەتتە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەردە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بىلەنمۇ بۇ توغرىدا سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن شەرتلەرنى يېنىكلەتكەنلىكىنى، بۇ يىل 70 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىشقا مۇۋاپىق بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ زىيارەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.