2015-يىللىق تۈركىيە دۆلەتلىك ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى 2-ئايدا باشلىنىدۇ
2015.01.29
تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2015-يىللىق ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى فېۋرال ئېيىدا باشلىنىپ، ئىلتىماس ۋاقتى 30 كۈن داۋاملىشىدىكەن.
2014-يىلى تۈركىيەدە باكالاۋرلىق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن، 176 دۆلەتتىن 82 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن تەلەپكە لايىق بولغان 4 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. 2015-يىلى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بۆلىشى مۇمكىن. ئەمما قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 4000-4500 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. مەيلى قايسى دۆلەتتىن قانچە كۆپ كىشى ئىلتىماس قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەرقايسى قىتئەلەردىكى دۆلەتلەر بويىچە باھالاش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، مەلۇم بىر دۆلەتكە مۇقىم قىلىپ ئايرىپ بېرىلگەن سان يوق. كىمنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا قايىل قىلارلىق نەتىجە ئالالىسا، بۇ ئوقۇشنى شۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك، تاللاش ئادىل بولىدىكەن.
تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ تور بەتلىرىدە تۈركىيە دۆلەتلىك ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى ھەققىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار
2015-يىلى ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغۇچى نامزاتلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر ئېلان قىلىندى.
http://www.turkiyeburslari.gov.tr/ دا مۇنداق بايان قىلىندى:
2015-يىلى تۈركىيە ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ۋە تەتقىقات ئوقۇش مۇكاپاتى پروگراممىسىغا ئىلتىماس قىلغۇچى نامزاتلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:
1. چەتئەللىك بولۇشى (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى ۋە ھەرقانداق سەۋەب تۈپەيلىدىن تۈركىيە پۇقرالىقىدىن چىقىپ كەتكەنلەر تىزىملىتالمايدۇ)؛
2. تۈركىيەدە ئوقۇشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ئەھۋالنىڭ بولماسلىقى؛
3. ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇققا تىزىملىتىش ئۈچۈن تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن بولۇشى ياكى تىزىملىتىدىغان يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇشى؛ تەتقىقات ئۈچۈن تىزىملاتماقچى بولغانلار دوكتورلۇقتىن لاياقەتلىك ئىمتىھانىنى بېرىپ بولغان بولۇشى ياكى دوكتورلۇقنى پۈتتۈرۈپ بولغان بولۇشى؛
4. ماگىستىرلىققا تىزىملاتماقچى بولغانلار: 1985-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى؛
دوكتورلۇققا تىزىملاتماقچى بولغانلار: 1980-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى؛
تەتقىقات ئۈچۈن تىزىملاتماقچى بولغانلار: 1970-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى؛
5. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەت ئورگىنىدىن ئاسپىرانتلىق، دوكتورلۇق ياكى تەتقىقات ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى ئالمىغان بولۇشى؛
6. تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئاسپىرانتلىققا تەڭ دەرىجىدىكى ئوقۇشتا تىزىملىكى بولماسلىقى؛
7. تولۇق كۇرس ۋە ياكى ئاسپىرانتلىقنى تۈركىيەدە تۈگەتكەندىن كېيىن، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولغانلار «ئوقۇغۇچى تاللاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى-ÖSYM» تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان «تەتقىقاتچى ۋە ئاسپىرانتلىققا كىرىش ئىمتىھانى-(ALES)» دىن 45 تىن يۇقىرى ئالغان بولۇشى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى بەلگىلىگەن خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىدىغان GRE ياكى GMAT قا ئوخشاش بىر ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى بولۇشى كېرەك.
ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار:
1. زۆرۈر كېرەكلىك ماتېرىياللار:
پاسپورت ۋە سىكەن نۇسخىسى
ئىككى سۇڭلۇق رەسىم ۋە سىكەن نۇسخىسى
ئالاقە تېلېفون نومۇرى ۋە پوچتا ئادرېسى
ئالىي مەكتەپ باكالاۋرلىق دىپلومى ۋە سىكەن نۇسخىسى
ئالىي مەكتەپ باكالاۋرلىق ياكى ماگىستىرلىق دەرس نەتىجىلىرى ۋە سىكەن نۇسخىلىرى
ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق ياكى ماگىستىرلىق دەرس نەتىجىلىرى ئىنگلىزچە نۇسخىلىرى
2. ئىختىيارىي، ئەمما تاللىنىشتا ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئەھمىيىتى بولغان ماتېرىياللار:
تىل كىنىشكىلىرى ۋە سىكەن نۇسخىلىرى: خەنزۇچە سەۋىيە سىناش كىنىشكىسى (HSK)، ئىنگلىزچە كىنىشكىلار (CET-4, 6, TOEFL, IELTS)
مۇكاپاتلار: ئوقۇش جەريانىدا ئالغان ھەرخىل مۇكاپات كىنىشكىلىرى (ئوقۇش مۇكاپاتى، تەنتەربىيە، سەنئەت ۋە كەشپىيات قاتارلىق ساھەلەردە ئېرىشكەن مۇكاپاتلار)
تۈركچە تىل كىنىشكىسى: تۈركچە كۇرس دىپلوملىرى ياكى تۈركچە سەۋىيە سىناش كىنىشكىسى (TYS)
ئىككى پارچە تەۋسىيە خېتى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۆزىڭىز ئوقۇماقچى بولغان ساھەدىكى كەسىپ ئىگىسىنىڭ تەۋسىيە خەتلىرى
تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا توردىن ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار
تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى نامزاتلىرىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بەرگەندە، تاللاشتا غەلىبە قىلىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بۆلىشى مۇمكىن.
1) تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرىنى ۋە تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى بەلگىلىمىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ ئوقۇپ چىقىڭ.
تۈركىيەدە ئوقۇش ئىلتىماس تور بېتى http://www.trscholarships.org/ تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە بولغاچقا، ئىلتىماس جەدۋىلىنى توغرا ۋە تولۇق تولدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئىككى تىلدىن بىرىنى ياخشى بىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئىنگلىزچە ياكى تۈركچە بىلمىسىڭىز، بۇ تىللاردىن بىرىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىرىدىن (ماگىستىرلىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان كىشىدىن) ياردەم تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
2) ئىلتىماستا تەلەپ قىلغان پۈتۈن ماتېرىياللارنى رەڭلىك سىكەن(ساۋمىياۋ) قىلىۋېلىپ، بارماق دىسكىڭىزغا رەسىم (JPEG) شەكلىدە قاچىلىۋېلىڭ.
http://www.trscholarships.org/ تورىدىكى ئىلتىماس قەدەم باسقۇچلىرىنى ئەستايىدىل تولدۇرۇڭ. تەلەپ قىلغان پۈتۈن ماتېرىياللارنى تورغا يۈكلەپ، پۈتۈن باسقۇچلارنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن، باشتىن ئاخىرى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، كەم ياكى خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، ئەمدى بولدى دېگەندە، ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى تەستىقلاشنى تاماملىسىڭىز بولىدۇ.
3) مەكتەپ تاللاشتا، ئوقۇش ئەھۋالىڭىز ئالاھىدە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، پۈتۈن مەكتەپلەرنى ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئىزمىر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىن تاللىماڭ.
سىز تاللايدىغان 12 مەكتەپنى تاللىغاندا، ئىستانبۇلدىن 1 ياكى 2 نى، ئەنقەرەدىن 1 ياكى 2 نى ۋە ئىزمىردىن 1 ياكى 2 مەكتەپ تاللاپ، قالغان 6 ياكى 6 دىن كۆپ مەكتەپنى چوقۇم بۇ ئۈچ چوڭ شەھەردىن باشقا شەھەرلەردىن تاللاڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز 12 ئارزۇغا 12 مەكتەپنى تولۇق تولدۇرۇشىڭىز كېرەك.
4) كەسىپ تاللاشتا: ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى تولۇق كۇرۇستا ئوقۇغان كەسىپنى ياكى يېقىنراق كەسىپنى تاللاڭ.
تولۇق كۇرۇسقا كەسىپ تاللىغاندا ياخشى ئويلىنىپ ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان كەسىپنى ۋە شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان كەسىپلەرنىلا تاللاڭ. مەسىلەن: ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇيمەن دەپ، بىر مەكتەپتىن ئەدەبىيات، بىر مەكتەپتىن تارىخ، بىر مەكتەپتىن ئىقتىساد، بىر مەكتەپتىن خەلقئارا مۇناسىۋەت، بىر مەكتەپتىن خەلقئارا سودا ۋە يەنە بىر مەكتەپتىن ئىقتىساد دېگەندەك كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللىۋالماڭ. تەبىئىي پەندە ئوقۇيمەن دەپ، بىر مەكتەپتىن فىزىكا، بىر مەكتەپتىن خىمىيە، بىر مەكتەپتىن ماتېماتىكا، بىر مەكتەپتىن كومپيۇتېر، بىر مەكتەپتىن ماشىنىسازلىق ۋە يەنە بىر مەكتەپتىن بىئولوگىيە دېگەندەك كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللىۋالماڭ. ماتېرىيالىڭىزنى كۆرۈپ سىزنى تاللايدىغان كىشى سىزنى ئېنىق بىر نىشانى يوق، كەسىپ ئەھلى بولۇشقا لاياقەتسىز بىر ئوقۇغۇچى ئىكەن دەپ شاللىۋېتىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولۇپ، رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويىسىز. شۇڭا سىز تاللىماقچى بولغان 12 مەكتەپتىن ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان كەسىپنى ۋە شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان كەسىپلەرنىلا تاللاڭ.
5) مەكتەپ تاللاشتا، 12 مەكتەپ تەرتىپىنى ھەرگىزمۇ داڭلىقلىق دەرىجىسى بىلەن تىزماڭ، بەلكى سىزگە ماس كېلىدىغان تەرتىپتە بولسۇن.
ھېچقانداق ئىنگلىزچە نەتىجىڭىز يۇق ۋە ئوتتۇرىچە نەتىجىڭىز 60 ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەندەك ئىنگلىز تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەرنى تاللىۋالماڭ. سىز بۇ خىلدىكى مەكتەپلەرنى تاللىماقچى بولغاندا، ئېكراندا سىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ.
6) كەسىپ تاللاشتا، تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشىدا قايسى كەسىپنى ئوقۇغان بولسىڭىز، ئۆرلەپ ئوقۇشتىمۇ شۇ كەسپىنى ۋە يېقىن كېلىدىغان كەسىپنى تاللاڭ.
ئەگەر سىزنىڭ بۇرۇنقى كەسپىڭىز بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولغان كەسپىڭىز بىر بىرى بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋىتى بولمىسا، تاللىنىش پۇرسىتىڭىز يەنە تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. تاللاشتىن غەلىبىلىك ئۆتسىڭىزمۇ، تۈركىيەگە ئوقۇشقا بارغاندىن كېيىن، مەكتەپلەر سىزدىن كەسپى تەييارلىق ئېلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىپ، تولۇق كۇرستىكى كەسپى دەرسلەردىن 8 دىن 10 غىچە دەرسنى بىر يىلدا تولۇق غەلىبىلىك پۈتتۈرۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر كەسپى تەييارلىقتا بىر پەندىن ئۆتەلمىسىڭىز، سىزگە ئۇيغۇركەن دەپ ئېتىبار بېرىشتە يوق، ئەكسىچە، تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قىلچە رەھىم قىلىنماي مەكتەپتىن ھەيدىلىسىز، ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە مەكتەپمۇ يوق بولىدۇ. تۈركىيەدىن قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىسىز.
7) كەسىپ تاللاشتا، ئىنگلىزچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان كەسىپلەرنى تاللاش ئۈچۈن، ئەگەر سىزنىڭ ئىنگلىزچە TOEFL / IELTS ۋە GRE قاتارلىق ئىمتىھانلاردىن ئومۇمى نومۇر ۋە يەككە تۈرلەردىكى نومۇرىڭىز مەكتەپلەرنىڭ سىز تاللىماقچى بولغان كەسىپكە قويغان ئۆلچىمىگە چۈشسە، ئاندىن ئىنگلىزچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ئوخشاش كەسىپ ئۈچۈن 2 ياكى 3 مەكتەپنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. قالغانلىرىنى تۈركچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسىپ ۋە مەكتەپلەرنى تاللىسىڭىز تاللىنىش پۇرسىتىڭىز يۇقىرى بولىدۇ.
8) جەدۋەل تولدۇرغاندا يۇلتۇز بەلگىسى(*) قۇيۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تولدۇرغاندىن سىرت، بەلگە قويۇلمىغانلارنىمۇ چوقۇم تولدۇرۇڭ ۋە تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنىڭمۇ بەلگە قويۇلسۇن ياكى قويۇلمىسۇن ھەممىنى يوللاڭ، ئامال بار بوش يەر قالمىسۇن.
9) قىزىقىمەن دەپلا كەسپىڭىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان كەسىپنى تاللىۋالماڭ، پەۋقۇلئاددە قابىلىيىتىڭىز بولۇپ، تاللىغۇچىنى قايىل قىلالمىسىڭىز تاللىنىش ئېھتىمالىڭىز تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ.
10) توردىن ئىلىتىماس جەدىۋېلىنى تولدۇرغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيىڭىز بارلىقىنى يازىدىغان قىسمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىمۇ مۇشۇ قىسىمغا يازغان مەزمۇننى چۆرىدىگەن ئاساستا بايان قىلىڭ.
11) ئوقۇش مۇكاپات تۈرىدىن قانچە تۈرنى تاللاش ئىمكانىڭىز بولسا ۋە ئوقۇش ئەھۋالىڭىز ماس كەلسىلا ھەممىنى تاللاڭ. ئامما تاللىغان كەسىپلەر بىر-بىرگە مۇناسىۋەتلىك بولسۇن. بولمىسا بۇ ئوقۇغۇچى نېمە ئوقۇشىنى بىلمەيدىكەن دەپ ئىلغىنىپ كەتمەڭ.
12) ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىشتا، تۈركىيە تەرەپ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، غايىلىك، ئاڭ سەۋىيىلىك بولۇشىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىدا تىرىشىپ ئوقۇيدىغان بىر ئىرادىنىڭ بولۇشىغا قارالماقتا.