تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماگىستىر ۋە دوكتور قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

0:00 / 0:00

تۈركىيىدىكى ئوقۇشقا دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كومىتېتى ئەزاسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ئىلتىماس ئانكىتىنى تولدۇرغاندا ئەستايىدىل بولۇش، ماتېرىيالىنى تورىدىن ئەۋەتكەندە ھۆججەتلەرنى باشقا كومپيۇتېرلاردا ئېچىلىدىغان قىلىپ ئەۋەتىش قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.

2011-يىلى قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىقى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسى 2012-يىلىدىن تارتىپ تەشكىللىك ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتماقتا. 2013-2014-يىللىق ئوقۇش يىلى ئۈچۈن ماگىستىر ئاسپىرانتى ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىقىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 1-مارتتىن ئېتىبارەن رەسمىي باشلاندى. باكالاۋرلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلارنى تىزىملاش خىزمىتى تېخى باشلانمىغان. بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا شەرتى توشقانلا بولسا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تىزىملاتسا بولىدۇ. تاللانغان ئوقۇغۇچىلار تۈركىيىدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن كەسىپلىرىدە ئوقۇيالايدۇ. ئەمما سەنئەت تۈرىدە ئوقۇماقچى بولغانلار بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىلىنەلمەيدۇ.

باشقارما تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ماگىستىر ئاسپىرانتى ۋە دوكتور تىزىملىتىش 31-مارتقىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. ماگىستىرلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلار 1983-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك.
  2. دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغانلار 1978-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك.
  3. تىزىملاتماقچى بولغانلار ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەنلەر ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكىلەر بولۇشى كېرەك.
  4. تىزىملاتماقچى بولغانلار تۈركىيىدە ماگىستىر ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولماسلىقى كېرەك.

تۈركىيىدە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىش تور بېتى ئارقىلىق تۈركىيىدە ئوقۇش شەرتلىرىنى تەپسىلىي بىلىش مۇمكىن. تور بەت ئادرېسى: www.turkiyeburslari.gov.tr <http://www.turkiyeburslari.gov.tr>

ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى نۇقتىلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كومىتېتى ئەزاسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.