تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مۇھاجىرەتتىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2016-يىللىق تولۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. ئىلتىماس قىلىش پەقەتلا تور ئارقىلىق بولىدىغان بولۇپ، باشقا يوللار بىلەن قىلىنغان ئىلتىماس قوبۇل قىلىنمايدىكەن. ئىلتىماس قىلغۇچىلار توردا ئېلان قىلىنغان كەسىپلەردىن ئۆزى خالىغان بىرىنى تاللىسا بولىدىكەن. تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە بىر يىل تەييارلىق سىنىپىدا تۈركچە ئۆگەنگەندىن كېيىن كەسىپ ئوقۇشىنى باشلايدىكەن.
بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ تەپسىلاتى بېرىلگەن www.turkiyeburslari.gov.tr ناملىق تور بېتىدە كۆرسىتىلگەنلەرگە ئاساسلانغاندا، ئايدا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 600 تۈرك لىراسى، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 850 تۈرك لىراسى، دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 1200 تۈرك لىراسى ئىكەن. ئوقۇش ھەقسىز بولۇپ كېلىش-كېتىش ئايروپىلان بېلىتى ياتاق ۋە سالامەتلىك سۇغۇرتىسى دۆلەت تەرىپىدىن تۆلىنىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە تۈركىيە دۆلەتلىك تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى ھەققىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، نامزاتلار چەتئەللىك بولۇشى، تۈركىيەدە بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بولماسلىقى، ئەڭ كەچ 2016-يىلى 7-ئاينىڭ30-كۈنىدىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇشى، ماگىستىرلىققا تىزىملاتماقچى بولغانلار: 1986-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى، دوكتورلۇققا تىزىملاتماقچى بولغانلار: 1981-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى، ئومۇمىي دەرس نەتىجىسى 75% پىرسەنت بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە ئۆگىتىۋاتقان ۋە ئۇنىۋېرسىتېتقا ئىلتىماس قىلىشىغا مەسلىھەتچىلىك قىلىۋاتقان مەڭگۈتاش تىل مەركىزى مۇدىرى رەنا قاراخان خانىم ئىلتىماس قىلىشنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، ئوقۇغۇچىلار كەسىپ تاللىغاندا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى تاللىمىسا شاللىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەدىكى ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتمۇ تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 250 دىن ئاشىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تاللىغاندا پەقەت ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى مەكتەپلەرنىلا تاللىماي باشقا شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرنىمۇ تاللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
2015-يىلى تۈركىيەدە باكالاۋرلىق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن، 150 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن 5 مىڭ ئوقۇغۇچى تاللىنىپ تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 2015-يىلى ئۇيغۇرلاردىن 50 ئوقۇغۇچى تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەيلى قايسى دۆلەتتىن قانچە كۆپ كىشى ئىلتىماس قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقايسى قىتئەلەردىكى دۆلەتلەر بويىچە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، مەلۇم بىر دۆلەتكە مۇقىم قىلىپ ئايرىپ بېرىلگەن سان يوق ئىكەن، كىمنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا قايىل قىلارلىق نەتىجە ئالالىسا، شۇ تاللىنىدىكەن، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن، ئەمما تاللاش ئادىل ئىكەن.