ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار پەرزەنتلىرىنى مىللىي كىملىك ۋە دىنى ئېتىقاد بىلەن يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.
ئىستانبۇلىدىكى ئۇيغۇر يەسلىسى بۇ مەۋسۇم يەنە يېڭىدىن 50 گۆدەكنى قارشى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يەسلىدىكى ئوقۇغۇچى سانى 120 گە يەتتى. بۇ يەسلىمۇ باشقا تۈرك مەكتەپلىرىگە ئوخشاشلا 19-سېنتەبىر تۇنجى كۈنىنى كۈتۈۋالدى.
يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئايىشە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەۋسۇممۇ يەسلىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە «ھەپتىيەك»، ئانا تىل، ۋەتەننى تونۇشتۇرۇش، مىللىي كىملىك ۋە دىنىي ئېتىقادقا ئالاقىدار دەرسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
مەن يەسلىگە بارغاندا ئوقۇغۇچىلار چوڭ زالدا ئويۇن ئويناۋاتقان بولۇپ، بالىلارنىڭ بەزىلىرى سۈنئىي ئاتقا مىنىپ ئوينىسا بەزىلىرى نۆۋەت بىلەن سېرىلىپ ئويناۋاتقان ئىكەن، بىر قىسىم بالىلار بىر-بىرلىرىگە كىچىك توپلارنى ئېتىشىپ ئويناۋاتقان ئىكەن. مەن بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ سەكرىشىپ خۇشال ئويناشلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندىم، چۈنكى مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا خۇشال ئۆتمەك، ئوينىماق ھەر كىمگە نېسىپ بولىدىغان قىسمەت ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز چۈشىنىپ يېتىمىز.
سورىغان سوئاللىرىمغا راۋان ئۇيغۇر تىلىدا جاۋاب بەرگەن كىچىك گۆدەكلەر مېنى تولىمۇ ھايانغا سالدى. بۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە دوختۇر بولىدىغانلىقىنى كۆزلىرىنى نۇر چانىغان ھالدا بايان قىلسا، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ چۈچۈك تىلدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشى بىلەن مېنى ئۆزىگە بەكلا رام قىلدى.»
يەسلى مۇدىرى خۇرشىدە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل يەسلىدىكى ئوقۇغۇچى سانى يىللاردىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولسىمۇ، بىراق مەكتەپتىن قايتقاندا بۇ يەسلىگە كېلىپ تەلىم ئالىدىكەن.
خۇرشىدە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، مەزكۇر يەسلىگە بۇ يىل تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ بىر ھەسسە كۆپىيىشىگە يەسلىدىكى مىللىي كىملىك دەرسى قاتارلىق دەرسلەرنىڭ مۇكەممەل شەكلىدە ئۆتىلىشى تۈرتكە بولغان.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، زەيتىنبۇرنۇدىكى بۇ يەسلى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن 2008-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەسلى زەيتىنبۇرنۇدا 5 قەۋەتلىك بىر بىنادا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مىللىي ۋە دىنى جەھەتتە يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
0:00 / 0:00