تۈركىيەنىڭ ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى باشلىنىدۇ

0:00 / 0:00

تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ تور بېتىدىكى ئېلانغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2017-يىللىق ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلىنىپ، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيە ۋاقتى كېچە سائەت 24:00 كېچە داۋاملىشىدىكەن. ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچىلار بۇ 30 كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

https://www.turkiyeburslari.gov.tr/ تور بېتىدىكى ئېلاندا دېيىلىشىچە، ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش ياش چەكلىمىسى 1987-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى، دوكتورلۇققا ئىلتىماس قىلىش ياش چەكلىمىسى 1982-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى شەرت ئىكەن.

مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى مەمەت ئونسۇ ئەپەندى تۈركىيە دۆلىتى تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان بۇ ئوقۇش پۇلىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيە دۆلىتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،دوكتورلۇق ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن دېسە، يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلالايدۇ. تۈركىيە دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى بىلەن ماگىستىرلىق ئوقۇغان مەمەت ئونسۇ ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئۇ، تۈركىيە دۆلىتى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز دۆلىتىگە قايتىش شەرقى بىلەن بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنىڭ يۇرتىغا قايتماي ئۆز ئىمكانلىرى بىلەن دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن باشقا، تۈركىيەدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ۋەقىپ ۋە جەمئىيەتلەرمۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدۇ. ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغاندىن بېرى، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى بېرىۋاتقان تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلاشقاندىن سىرت، ئۆزلىرىمۇ مەمەتئەلى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

2016-يىلى تۈركىيەدە باكالاۋرلىق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن، 185 دۆلەتتىن 95 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن تەلەپكە لايىق بولغان 5 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. 2017-يىلى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 6000-6500 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. مەيلى قايسى دۆلەتتىن قانچە كۆپ كىشى ئىلتىماس قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقايسى قىتئەلەردىكى دۆلەتلەر بويىچە باھالاش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، مەلۇم بىر دۆلەتكە مۇقىم قىلىپ ئايرىپ بېرىلگەن سان يوق. كىم ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا قايىل قىلارلىق نەتىجە ئالالىسا، بۇ ئوقۇشنى شۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك، تاللاش ئادىل بولىدىكەن.

تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ تور بەتلىرىدە تۈركىيە دۆلەتلىك ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى ھەققىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەشنى خالىسىڭىز https://www.turkiyeburslari.gov.tr/ تور بېتى بىلەن http://www.akademiye.org تور بېتىنى زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ.