تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق چەتئەللەردىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ تور بېتىدىكى ئېلانغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ 2017-يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش 3-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچىلار بۇ 30 كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.
مەزكۇر تور بېتىدىكى ئېلاندا دېيىلىشىچە، باكالاۋرلىق ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ ياش چەكلىمىسى 1996-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى، دوختۇرلۇق، چىش دوختۇرلۇق ۋە دورىگەرلىك كەسىپلىرىگە ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوتتۇرىچە دەرس نەتىجىسى كەم دېگەندە 90 نومۇردىن ئاز بولماسلىقى ۋە باشقا كەسىپلەرگە ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوتتۇرىچە دەرس نەتىجىسى ئەڭ ئاز 70 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.
مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى باتۇر قاراخانلى ئەپەندى تۈركىيە دۆلىتى تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان بۇ ئوقۇش پۇلىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق ئوقۇش مۇكاپاتى 700 تۈرك لىراسى، يەنى تەخمىنەن 200 ئامېرىكا دوللىرى ۋە بىر يىل تۈركچە ئۆگىنىش ھەقسىز ئوقۇش بولىدىكەن.
ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ياتاق ۋە تۈركىيەگە تۇنجى قېتىم كېلىش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قايتىش ئايروپىلان بېلەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. سالامەتلىك سۇغۇرتىسى بولىدىكەن.
تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئابدۇۋەلى ئەپەندى تۈركىيە دۆلىتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان 700 تۈرك لىراسىنىڭ بىر ئايلىق راسخوت ئۈچۈن يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇزۇن يىل شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئىشلەش جەريانىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى، تۈركىيەدە ئوقۇغۇچى ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى دەسلەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە ئوقۇپ يېتىشكەن ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ ھەر خىل ئىكەنلىكى، ھازىر ئوقۇغۇچى تاللاش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
باتۇر قاراخانلى ئەپەندى تۈركىيەدە ئوقۇشنىڭ باشقا يوللىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
2016-يىلى تۈركىيەدە باكالاۋرلىق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇشقا 180 دۆلەتتىن 90 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن تەلەپكە لايىق بولغان 6 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.
ھازىر تۈركىيەدە دۆلەت ئوقۇش پۇلى ئېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 250 ئەتراپىدا ئىكەن.