تۈركىيە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» ناملىق لايىھىسى يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنىگە بېغىشلانغان تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەر قاتارىدا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات تۈسىنى ئالغان ئىش لايىھىلىرىمۇ مەيدانغا چىقماقتا.

قەيسەرىدىكى مەلىكشاھ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن، ياش ئالىملارنى تەربىيىلەش مەقسىتى بىلەن تۈركىيە پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن، 45-نۆۋەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىش پىلانى تۈزۈش مۇسابىقىگە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىدىكى قەيسەرى، سىۋاس، نەۋشەھىر، قىرشەھىر، نىغدە، يوزگات ۋە ئاقساراي ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان ئىش پىلانلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. 19-مارت كۈنىدىن 23-مارت كۈنىگىچە داۋاملاشقان كۆرگەزمە ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باھالىشى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەرۋە گۈربۈز بىلەن نۇربانۇ قاراقايا تەييارلىغان «يىپەك يولى بويىدىكى چىداملىق ئۆلكە: شەرقىي تۈركىستان» ناملىق لايىھە 3-بولۇپ باھالاندى. مەزكۇر ئىش پىلانى يۈز پىلان ئىچىدىن تاللانغان ئون بىر ئىش پىلانىنىڭ ئارىسىغا كىردى. بۇ پىلاندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە دۆلىتىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان. مەزكۇر لايىھىنى تەييارلىغان قىز ئوقۇغۇچىلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قوللاش تەلىپىنى سۇنغان.

22-مارت كۈنى قەيسەرى مەلىكشاھ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولۇپ باھالانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى قەيسەرى ۋالىيسى خالۇق تۇنچسۇ بىلەن مەلىكشاھ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور مەخمۇت مات ۋە تۈركىيە پەن-تېخنىكا ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن پروفېسسور تانقۇت يالچىنۆز ئەپەندىلەر بەرگەن. بۇ مۇسابىقىدە ئالدىنقى ئۈچكە كىرگەنلەر دۆلەت بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

«شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ئىش پىلانىنى تەييارلىغان 16 ياشتىكى 10-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، قەيسەرى يەلكەنئوغلۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەرۋە گۈربۈز، بۇ تېمىنى تاللاشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ تېمىنى تاللىشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ھازىر كىشىلەرنىڭ كۆپى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىسى ئەمەس. ئەتراپىمىزدىكى ياشلارنىڭ كۆپى شەرقىي تۈركىستاننى تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ياشلار ئارىسىدىمۇ جامائەت پىكرى توپلاش ئۈچۈن بۇ ئىش پىلانىنى تەييارلىدۇق»

ئۇ، ئۆزلىرى تەييارلىغان «شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ئىش پىلانىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بىز ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتتۇق ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەكلىپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. تۈركىيە نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ دېگەن ۋاقتىمىزدا، مەسىلەن تۈركىيە ئۇيغۇر ياشلارنى تۈركىيەگە ئەكېلىپ ئوقۇتۇشى كېرەك. ھازىر 50 ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇۋېتىپتۇ، بۇ بەك ئاز. تۈركىيە ئىش بىرلىكى ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى بار، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغىمۇ ياردەم قىلسۇن. تۈركىيە ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئاچسۇن. تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات مەركەزلىرى ئېچىلسۇن.»

تۈركىيە پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ئىش پىلانىنى تەييارلىغان نۇربانۇ قاراقايا، 3 كۈنلۈك كۆرگەزمە جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«كىشىلەر بەك قىزىقتى. بەزى كىشىلەر شەرقىي تۈركىستاننى تازا ياخشى بىلمەيدىكەن. ئەمما بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايراقلىرىنى كۆرگەن، خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان كىشىلەر بەك قىزىقىپ سوئال سورىدى. بىزگە ئەڭ كۆپ سورالغان سوئال تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنداق ئېغىر زۇلۇم قىلىدۇ؟ دەپ سورىدى. مۇخبىرلارنىڭ قىزىقىشىمۇ بەك يۇقىرى ئىدى. بىز تەييارلىغان «شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق بۇ ئىش پىلانى توغرىسىدا كۆپ مۇخبىرلار خەۋەر ئىشلىدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.