ئۇيغۇر مۇساپىر بالىلار: «چوڭ بولغاندا دوختۇر بولىمەن»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ چەتئەلگە قېچىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.

ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2014 ۋە 2015-يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 7000 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى ئايال ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپى ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تارقاق تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىككى مىڭغا يېقىن كىشى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە تۇرماقتا.

قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 3 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان 296 ئۇيغۇر بالا بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئۇلار تەتىل ۋە ھەپتە ئاخىرلىرىدا قورۇ-جاي ئىچىدە ئېچىلغان ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇماقتىكەن. 81 يېتىم بالىنىڭ ئىچىدە دۆلەت مەكتىپىگە تىزىمغا ئالدۇرالمىغانلار قورۇ-جاي ئىچىدە قۇرۇلغان ئانا تىل ۋە تۈركچە كۇرس بىلەن ۋە قۇرئان كۇرسلىرىدا ئوقۇماقتىكەن. بىز 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بۇ مەكتەپنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر بالىلارنى زىيارەت قىلدۇق. بىز «ئۇيغۇر بالىلاردىن ئىسمىڭىز فامىلىڭىز نېمە؟ قەيەردىن كەلدىڭىز؟ نەچچىنچى سىنىپتا ئوقۇيسىز؟ چوڭ بولغاندا نېمە بولۇشنى خالايسىز؟» دەپ سوئال سورىغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابى دىققىتىمىزنى تارتتى. بالىلارنىڭ كۆپى سوئالىمىزغا «چوڭ بولغاندا دوختۇر بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئەركىن تارىم: ئىسمىڭىز نېمە؟

- ئابدۇللا

ئەركىن تارىم: بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز؟

- 8 ياشقا كىردىم.

ئەركىن تارىم: نەچچىنچى سىنىپتا ئوقۇيسىز؟

- ئۈچىنچى سىنىپتا ئوقۇيمەن.

ئەركىن تارىم: چوڭ بولغاندا نېمە بولماقچىسىز؟

- راكېتا ئالىمى.

ئەركىن تارىم: قايسى دەرسلەرنى ياخشى كۆرىسىز؟

- تۈركچە، ماتېماتىكا، ھايات بىلىملىرى قاتارلىق دەرسلەرنى ياخشى كۆرىمەن.

ئەركىن تارىم: ئىمىڭىز فامىلىڭىز نېمە؟

- ئىسمىم مۇرتىزا.

ئەركىن تارىم: سىز قەيەرلىك؟

- ئاقسۇ ئايكۆللۈك.

ئەركىن تارىم: چوڭ بولغاندا نېمە بولۇشنى خالايسىز؟

- دوختۇر.

ئەركىن تارىم: نېمىشقا؟

- دوختۇرلار ئادەملەرنى داۋالايدۇ، شۇنىڭغا.

ئەركىن تارىم: سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە؟

- نازلى.

ئەركىن تارىم: بۇ يىل نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟

- 10 ياشقا

ئەركىن تارىم: نەچچىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتىسىز؟

- تۆتىنچى سىنىپتا

ئەركىن تارىم: چوڭ بولغاندا نېمە بولۇشنى خالايسىز؟

- دوختۇر.

ئەركىن تارىم: نېمىشقا؟

- دوختۇرلۇقنى ياخشى كۆرىمەن، يارىدار بولغانلارنى داۋالاش ئۈچۈن.

ئەركىن تارىم: سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە؟

- ئايشە.

ئەركىن تارىم: بۇ يىل نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟

- 10 ياشقا.

ئەركىن تارىم: نەچچىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتىسىز؟

- تۆتىنچى سىنىپقا ئۆتتۈم.

ئەركىن تارىم: چوڭ بولغاندا نېمە بولۇشنى خالايسىز؟

- دوختۇر.

ئەركىن تارىم: نېمىشقا؟

- كېسەللەرنى، يارىدار بولغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دوختۇر بولۇشنى خالايمەن.

ئەركىن تارىم: سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە؟

- ئابدۇلباسىت.

ئەركىن تارىم: نەچچىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتىسىز؟

- تۆتىنچى سىنىپتا.

ئەركىن تارىم: قايسى دەرسلەرنى ياخشى كۆرىسىز؟

- ماتېماتىكا بىلەن تۈركچە.

ئەركىن تارىم: چوڭ بولغاندا نېمە بولۇشنى خالايسىز؟

- تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولۇشىنى خالايمەن.

ئەركىن تارىم: سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە؟

- فاتىمە مۇھەممەت.

ئەركىن تارىم: نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟

- 9 ياشقا.

ئەركىن تارىم: نەچچىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتىسىز؟

- ئۈچىنچى سىنىپتا.

ئەركىن تارىم: چوڭ بولغاندا نېمە بولۇشىنى خالايسىز؟

- دوختۇر.

ئەركىن تارىم: سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە؟

- ئايشە.

ئەركىن تارىم: نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟

- 9 يېرىم.

ئەركىن تارىم: قايسى دەرسلەرنى ياخشى كۆرىسىز؟

- ماتېماتىكا بىلەن ھايات بىلىملىرى.

ئەركىن تارىم: چوڭ بولغاندا نېمە بولۇشىنى خالايسىز؟

- دوختۇر.

قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ھويلىسىدا ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ 98 پىرسەنتى «چوڭ بولغاندا دوختۇر بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ چىش دوختۇرى ئابدۇلكېرىم بۇغرا ئەپەندى، بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە خىتاي چېگراسىدىن، تاغلاردىن پىيادە ئۆتۈپ بېرما، ۋيېتنام، تايلاند ئارقىلىق نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت بىلەن تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، يولدا قېرىلارنىڭ ۋە كىچىك بالىلارنىڭ كېسەلدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن بولغاچقا، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك «چوڭ بولغاندا دوختۇر بولىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ بالىلارغا مەسئۇل ئىمىن قارى ئەپەندى كىچىك بالىلارنىڭ كۆپىنىڭ دۆلەت مەكتىپىگە بېرىۋاتقانلىقىنى، ئانا تىل، قۇرئان كۇرسى، ئەرەب تىلى، تۈرك تىلى كۇرسلىرىنى ئېچىپ بالىلارنى ئوقۇتۇۋاتقانلىقىنى، ھازىر چوڭلار سىنىپى ئېچىلىپ، ئۇلارغا تۈرك تىلى ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ھازىر ئۇيغۇر بالىلارغا ئانا تىل ۋە قۇرئان دەرسى بېرىۋاتقان 68 ياشتىكى ئابدۇراخمان ئىسلام ئەپەندى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنىڭ ئانا تىل ساۋادىنىڭ چىققانلىقىنى، 15 پارە قۇرئاننى يادلاپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.