«ئۇيغۇربىز» تورى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش ھەققىدە مۇراجىئەت ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00


كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل تۇيغۇنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ بېرىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەكلىنىپ، قوللىنىش دائىرىسى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا «ئانا تىلىڭدا سۆزلە» دېگەن سۆز 2012 - يىلى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مودىغا ئايلانغان. «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتى 21 - فېۋرال ب د ت ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىل مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدى.

«ئۇيغۇربىز» تور بېكىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامىسىدە بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئانا تىلغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئانا تىلنى قانداق قوغداش ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا چاقىردى.

مۇراجىئەتنامىدە يەنە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن تەھدىت ۋە رىقابەتكە دۇچ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئۇيغۇر تىلى مائارىپ سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىپلا قالمىغانلىقى، ئۇنىڭ يەنە مەمۇرىي، ئەدلىيە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئىزچىل چەتكە قېقىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى مۈجمەللەشتۈرۈلۈش، ئاجىزلاشتۇرۇلۇش ۋە يەكلەش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئۇيغۇربىز» تور بېكىتىنىڭ مەزكۇر مۇراجىئەتنامىسى ب د ت مائارىپ ۋە پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، 21 - فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى كۈتۈۋالغان كۈننىڭ ھارپىسى ئېلان قىلىندى.

ب د ت مائارىپ ۋە پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999 - يىلى قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 21 - فېۋرالنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. مەزكۇر تەشكىلات 21 - فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نىڭ 14 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى.

شۇ كۈنى ب د ت مائارىپ ۋە پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش مۇدىرى ئىرىنا بوكوۋا بايانات ئېلان قىلىپ، ئانا تىلنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ھەر قايسى ئەللەرنى، مائارىپ ۋە پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيادىكى يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ - ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ھەمكارلىشىپ، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى رەڭدارلىقنى قوغداشقا چاقىرغان.

ئىرىنا بوكوۋانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىر ئانا تىلنىڭ يوقىلىپ كېتىشى، نوقۇل شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلارغا خاس ئىندىۋىدۇئال مەسىلە ئەمەس. بۇ پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەسىلىسىدۇر.

ئۇ،«تىلنىڭ كۆپ خىللىقى تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. ھازىر دۇنيادا سۆزلىشىدىغان 7 مىڭ خىلدىن ئارتۇق تىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كەلگۈسى بىر قانچە ئەۋلادقىچە يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ يوقىتىش نوقۇل بىر ئىندىۋىدۇئال گۇرۇھنىڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ يوقىتىشى ئەمەس. بۇ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىن ئالغاندا پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۈچۈن بىر يوقىتىشتۇر» دەپ كۆرسەتتى.

«ئۇيغۇربىز» تور بېكىتى ئۆزىنىڭ مۇراجىئەتنامىسىدە يەنە، بارلىق ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ ئانا تىلغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئانا تىلنى قوغدىشىنى، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئالغا سۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشقا كىرىشىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۆزىگىمۇ زىيانلىق.

ب د ت مائارىپ ۋە پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە 7 مىڭ خىلدىن ئارتۇق تىل بار بولۇپ، پەقەت دۇنيا نوپۇسىنىڭ 97 % دۇنيادا مەۋجۇت ئومۇمىي تىلنىڭ 4 % دە سۆزلىشىدۇ. 4 دەن بىر قىسىم تىل مەكتەپ ۋە توردا ئىشلىتىلىدۇ. مائارىپ، ئاخبارات ۋە ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئىشلىتىلمەيدىغان نەچچە مىڭ خىل تىل بار.

دوكتور قاھار بارات، ئۇيغۇر تىلىنى تور، قەدىمىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ نەشر قىلىش، ھۆكۈمەتكە تەلەپ قويۇش، ئائىلىدە ئانا تىلنى كۈچەيتىش قاتارلىق ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قوغداشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇراجىئەتنامىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر تىلى ئاساسەن مائارىپ سىستېمىسىنىڭ سىرتىغا سىقىپ چىقىرىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى كەملەپ كەتكەن، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى قوللىنىش زور دەرىجىدە ئازايغان. ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى رەت قىلىنىپ، نۇرغۇن تەجرىبىلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلانغان. ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى داۋاملىق كىچىكلەپ، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كۈرەش قىلىپ كەلگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردا «ئۇيغۇر مائارىپى ئۆلدى» دېگەن تونۇشنى پەيدا قىلغان.