ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى «چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسەتلىرى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 10-ئاينىڭ 8- ۋە 9-كۈنلىرى ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەمەت ۋەقپى ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» جەريانىدا «چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسەتلىرى» ماۋزۇلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. 7- ۋە 8-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئاقشام ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، ئامېرىكىدىن كەلگەن ئالىي دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى رىشات ئابباس ئامېرىكىدا ئوقۇش پۇرسەتلىرى توغرىسىدا، ئەركىن ئابلىز ئەپەندى ياپونىيەدە ئوقۇش پۇرسەتلىرى تېمىسىدا، دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى ياۋروپادا ئوقۇش پۇرسەتلىرى تېمىسىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇخەمىت ئەپەندى تۈركىيەدە ئوقۇش پۇرسەتلىرى تېمىسىدا دوكلات بەردى. پائالىيەتكە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان تولۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتورا ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. دوكلات بەرگۈچىلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇش پۇرسەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار سوئال سورىدى.
بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخرى رەئىسى دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ۋە چارۋا دوختۇرى ئەركىن ئابلىز ئەپەندىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى «چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسەتلىرى» ناملىق يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغاندىن بېرى چەتئەلدە ئوقۇشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يول كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەركىن ئابلىز ئەپەندى ئۆزى ياپونىيەدە ئوقۇغان بولغاچقا، ياپونىيەدىكى ئوقۇش پۇرسەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تور بېكىتىدە چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بارلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ تور بېتىدىن تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلىيەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتقان بولساقمۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى.

7- ۋە 8-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئاخشاملىرى جەمئىي 4 سائەت داۋاملاشقان «چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسەتلىرى» ناملىق يىغىن نەق مەيداندىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقىتىلدى.