ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى يېڭى نۆۋەتلىك ئىدارە ھەيئىتىنى سايلاپ چىقتى

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 23-24-ئاۋغۇست كۈنلىرى كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، يېڭى نۆۋەتلىك ئىدارە ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى.

سايلام دېموكراتىك شەكىلدە بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان نامزاتلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرى تەركىبىدىن ئورۇن ئالدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سايلاندى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئىدارە ھەيئىتىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، دوكتور شەۋكەت ناسىر، دوكتور مەغپىرەت كامال ۋە ئابدۇلھەمىت قاراخان قاتارلىق كىشىلەر سايلاندى.

بۇ قېتىملىق سايلامدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئاكادېمىيەنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە رەئىسلىكىگە، پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى باش كاتىپلىققا سايلاندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ قېتىملىق سايلام نەتىجىسى 25-26-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان سايلام نەتىجىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكىدا شۆبىسى قۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ئەللىرى، ياپونىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ شۆبىلىرىنى ئېچىش پىلانى بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئابدۇلھەمىت قاراخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم زىيالىيلار، بىلىم ئىگىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان ئىكەن. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 80 نەپەردىن كۆپرەك ئەزاسى بار بولۇپ، ئەزالار سانىنى 300 گە يەتكۈزۈش پىلانى بار ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ قېتىملىق سايلام كېڭىشى ۋە سايلام ئېلىپ بېرىشتىكى كونكرېت سەۋەبلەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقى تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىللىرىدە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر قىيىن مەزگىلدە ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنىڭ چوقۇم ئويغىنىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىلىم ۋە ئەقىل كۈچىدىن پايدىلىنىش ھەمدە ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا يېتەكلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.