ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى توغرىسىدا دوكتور ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 5-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى، ئەدىب، مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلىش جەريانىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىنىڭ پەخرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئىستېپا بېرىپ ئۇنىڭ ئورنىغا بىئولوگىيە ئالىمى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندى پەخرى رەئىس بولغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئارىسىدا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى ئۆزگەردى؟ نېمە ئۈچۈن دوكتور ئەركىن سىدىق ئىستېپا بەردى؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقتى.

بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى بۇ يېڭىلىق ۋە ئۆزگىرىشلەر شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشلەر ۋە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاكادېمىيىسىنىڭ سابىق پەخرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن سىدىق، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، بولۇپمۇ چەتئەللەردە ئوقۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ۋەتەن-خەلقىمىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ، مۇشۇ جەھەتتىن ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدىغان بىر تەشكىلات. ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ۋەتەن خەلقىمىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېچىش، بۇ ھەقتە ئىزدىنىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا پەخرى رەئىسىنىڭمۇ ئورنى ھەر ئىككى يىلدا ئۆزگىرىپ تۇرۇشى كېرەك بولىدۇ.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسىنىڭ ئالمىشىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم پەخرى رەئىسلىكنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بىرلا كىشى مۇقىم پەخرى رەئىس بولۇپ تۇرماستىن، باشقا تەتقىقاتچىلار ۋە زىيالىيلارنىڭ پەخرى رەئىس بولۇش كېرەكلىكىنى بۇ ئارقىلىق يېڭى-يېڭى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ خىزمەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىستېپا بېرىش ئارقىلىق، ئورنىغا دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنى كەلتۈرگەنلىكىنى، شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ پەخرى رەئىس بولۇشى مۇنداقلا ئاسان روياپقا چىقمىغانلىقىنى، ئۈچ ئايدىن بۇيان سۆزلىشىش ئارقىلىق بۇ نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى، دېدى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئۈچۈن تۆت يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر دوكتور، پروفېسسورلار ئۆز-ئارا تونۇشۇش، پىكىرلىشىش ۋە خىزمەتلەردە ھەمكارلىشىش ئورنىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.