مەلۇمكى، 2014-يىلى رەسمىي ئورگانلار ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار سان جەھەتتىن 246 مىڭ 777 نەپەر بولۇپ، بەشىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق جامبۇل، تالغىر، ئەمگەكچىقازاق، ئۇيغۇر ۋە ياركەنت ناھىيىلىرىدە، ئاندىن قالسا، جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتىگە جايلاشقان. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئۆز مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدى. قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغان دەسلەپكى يىللارغىچە مەملىكەتتىكى 60تىن ئوشۇق مەكتەپتە 30 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى بىلىم ئالغان. لېكىن كېيىنكى يىللاردا ئۇلارنىڭ سانى بارا-بارا ئازىيىپ، ھازىرقى كۈندە 15 مىڭغا چۈشۈپ قالغان.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئانا تىلىغا بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟ ئۇلار كېلەچەكتە ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قالالامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىغا نېمىلەر توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ؟
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى بويىچە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى «ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندى» نىڭ رەئىسى، رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ساقلاپ قالالماسلىق مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈن تەرتىپىدە تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. قازاقىستاندىكى ئوتتۇرا بىلىم بېرىش مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ 62 پىرسەنتى باشقا تىللاردا، بولۇپمۇ رۇس تىلىدا ئوقۇۋاتماقتا.
ئۇ مۇنداق دېدى: «كېڭەش ئىتتىپاقى دەۋرىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە رۇس تىلىنىڭ ئورنى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ئىدى. رۇس تىلىدا كەسىپ ئىگىلەش جەمئىيەتتىكى مۇھىم بىر خىزمەتلەرگە ئايلانغان دەۋر بولدى. بۇ، قوش تىللىقنىڭ ئاقىۋىتى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاننىڭ شارائىتىدا قازاق خەلقىنىڭ 80-85 پىرسەنتى رۇس تىلىنى ياخشى بىلىدۇ. ئەمما رۇس تىللىقلارنىڭ بارى-يوقى 10-15 پىرسەنتى دۆلەت تىلىنى بىلىدۇ. بىز قازاق تىلىنى تولۇق قوللايمىز، چۈنكى بۇ دۆلەت تىلى. ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىمۇ دۆلەت تىلىنىڭ ئورنى ئالاھىدە. بولۇپمۇ، شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردە ۋەزىيەت سەل ئېغىرراق.»
ئا. ھەمرايېفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاھالىنىڭ كۆپچىلىكى ئۆز بالىلىرىنى رۇس تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىدىغان بولسا، ئەتىكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلارنىڭمۇ، ئانا تىلىدا سۆزلەيدىغانلارنىڭمۇ ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى شارائىت تۈپەيلى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئېچىلمىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بار مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئا. ھەمرايېف شۇنداقلا رۇس تىلىدا بىلىم ئالغان بالىلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەردىن، مىللىي ئاڭ-سېزىمدىن، مىللىي پۇراقتىن يىراقلىشىپ، ماڭقۇرتلۇققا مۇپتىلا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «تىلىمىزدا قېلىپلاشقان بۇ شارائىت كېڭەش ئىتتىپاقىدىن قالغان بىر مەسىلە. مۇستەقىللىق ئالغاندىن بېرى مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ پايدىسىغا ياخشى بىر ئۆزگىرىش يۈز بەردى، دەپ ئېيتالمايمىز. بولۇپمۇ 2000-يىلدىن كېيىن، ئومۇمەن نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىن چىقىپ كېتىش جەريانى يۈز بەردى. ئاتا-ئانىلار ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بالىلىرىنى بەرمەيدىغان ياققا ئۆتتى. ئەمما، ئۇيغۇر جامائىتىمۇ قاراپ ئولتۇرمىدى. بۇ مەسىلىدە دۆلەتمۇ بىزنى قوللىدى. كۆپلىگەن جايلاردا "نېمىشقا ئۆز ئانا تىلىڭلاردا ئوقۇمايسىلەر، شۇنچىلىك شارائىت يارىتىلىۋاتقاندا ئۆز ئانا تىلىڭلاردا بىلىم ئالساڭلار بولمامدۇ" دەپ بىزنى قوللىغان قازاق زىيالىيلىرىمۇ كۆپ بولدى. شۇنىڭغا قارىماي، مىللىي مائارىپىمىز ئىجابىي تەرەپكە قاراپ يۈزلەنمەيۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەت بىزنى تەشۋىشلەندۈرۈۋاتىدۇ.»
سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى خالمىنەم مەسىموۋا قازاقىستاندىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا قازاق تىلىدىكى بۆلۈملەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، رۇس تىلىدا بىلىم ئالغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ بۆلۈملەردە قازاق، رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر، تۈرك ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ سوۋېت دەۋرىدە رۇس تىلىنىڭ تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك بولغان ئىدى. مەسىلەن، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئۆزىنىلا ئالىدىغان بولساق، ئۇ يەرلەردە قازاق ۋە رۇس بۆلۈملىرى بولسىمۇ، رۇس تىلىدا بىلىم ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپرەك بولغان. قازاقىستاندىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتى يېنىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە بىلىم ئالغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئانا تىلىدا ئوقۇسا، قالغان بارلىق پەنلەرنى رۇس تىلىدا ئوقۇغان. ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشكەن ئۇيغۇر بالىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن رۇس تىلىدىكى بۆلۈملەرنى تاللاپ ئېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىر نەچچە سەۋەبلىرى بار. مەن ئويلايمەنكى، بۇ، بىرىنچىدىن، رۇس تىلىنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە كۈچلۈك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدا. ئىككىنچىدىن، مۇتەخەسسىسلىك بويىچە رۇس تىلىدىكى ئەدەبىياتلارنىڭ ھەم ئىنتېرنېت بەتلىرىدىكى ماتېرىياللارنىڭمۇ كۆپىنچە رۇس تىلىدا بولۇشىدا. ئۈچىنچىدىن، ئاھالىنىڭ ئاڭ-سېزىمىدا مۇشۇ كۈنگىچە رۇس تىلىدا ئوقۇسا، يىراققا بارىدۇ دېگەن چۈشەنچىنىڭ قېلىپلىشىپ قېلىشىدا.»
خ. مەسىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرى، بولۇپمۇ شەھەر ئىچىدە بىر-بىرى بىلەن كۆپىنچە رۇس تىلىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا پەقەت ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىشى لازىمدۇر. ئۇ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە رۇس تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ ئانا تىلىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆپىيىشىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ كېلەچىكى، ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشى ھەر بىر ئائىلىگە، ئاتا-ئانىغا باغلىق بولماقتا.
ئالماتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئىتنومەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى «ئانىلار كېڭىشى»نىڭ رەئىسى ئەختىرىم ئەخمەتوۋا ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئالىدىغان بالىلار سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «رەسىم-قائىدە، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قالىدىغان مانا مۇشۇ ئۇيغۇرچە ئوقۇۋاتقان ياشلار دەپ ئويلايمەن. ھازىر ئادەمنىڭ ئىچى كۆيىدىغان يېرى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بارا-بارا ئازىيىپ كېتىۋاتقىنى. ئىلگىرىكى تەربىيە ئويۇنلىرىمۇ ھازىر يوقنىڭ ئورنىدا.»
ئە. ئەخمەتوۋانىڭ پىكرىچە، ھازىر ياش ئىجادكارلار ئۆمەكلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا ئىجابىي تەسىرىنى يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئۇ، ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىل ۋە ئەدەبىيات مۇئەللىملىرىنىڭ، يىگىت باشلىرىنىڭ ۋە باشقىمۇ مىللەتپەرۋەر شەخسلەرنىڭ ئاھالە ئارىسىدا كۆپرەك تەشۋىق ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشى لازىملىقىنى، ئانا تىلىسىز كېلەچەكتە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغلاردىكى چىقىمنى قىسقارتىپ، ئۇلارنى مىللىي مائارىپنى، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا سەرپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
ئە. ئەخمەتوۋا سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بالىلارنى ھېچقاچان گۇناھكار دېمەيمەن. ھەممە خاتا چوڭلاردا، ئاتا-ئانىلاردا، ئالىملاردا. مىللەتنىڭ تەقدىرىنى يېشىدىغان ئۇ ئاڭ-سېزىمى بار ئىنسانلار. مەدەنىيەت مەركەزلىرىمىزدە جان-دىلى بىلەن مىللەت ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئادەملەر يىغىلغان بولسا، بۇ باشقىچە بولاتتى.»
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازاقىستاندا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ھەم ئۇنىڭ ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك ھەم ناھىيىلىك شۆبىلىرى، ئوندىن ئوشۇق جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار ئۆز ئىشلىرى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتماقتا. مەزكۇر بىرلەشمىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئالماتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. شۇنداقلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ شەھەردە ئىستىقامەت قىلماقتا.
0:00 / 0:00