17-ئىيۇندا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە ئۇنىڭ ئۇچۇمكارلىرىغا شاھادەتنامە تاپشۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان «ئالمۇتا كۆۋرۈك ئىنشائاتلىرى زاۋۇتى» نىڭ مۇدىرى ئەخمەتجان شەردىنوف، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېف، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى رەئىسى ھاكىمجان ئارۇپوف ۋە باشقىلار مەكتەپ ئۇچۇمكارلىرىنى تەبرىكلەپ، ئۇلارغا ئاق يول تىلىدى. سۆزلىگۈچىلەر شۇنداقلا گىمنازىيەنىڭ بۇ يىلقى بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھان تاپشۇرۇشتىكى يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى يۇقىرى باھالىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، مەكتەپنى تاماملاپ، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشكۈچىلەرگە مەملىكەتنىڭ بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى تەستىقلىغان بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھان تاپشۇرۇش ۋەزىپىسى يۈكلىنىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مەكتەپ مەمۇرىيىتىدىن چوڭ جاۋابكارلىقنى، مۇئەللىملەردىن ساپالىق بىلىم بېرىشنى، ئوقۇغۇچىلاردىن بولسا، ئالاھىدە تىرىشچانلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.
گىمنازىيە مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ۋە بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھان بويىچە تېخنىكىلىق كاتىپ رەنا مەخپىروۋانىڭ پىكرىچە، بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھان قازاقىستاندا ئون ئىككى يىل داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. شۇ جۈملىدىن مەزكۇر مەكتەپ-گىمنازىيەمۇ ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر ئارىسىدا بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھانغا بىرىنچىلەردىن بولۇپ قاتناشقان، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىرىدىن بىرى بولغان.
ئۇ مەكتەپنىڭ بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، يۇقىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا توققۇز يىل تولغانلىقىنى، يىلدىن-يىلغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ساپاسىنىڭ كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى بۇ نەتىجىلەرنىڭ يۇقىرى بولۇپ، ئەۋېزوف ناھىيىسى بويىچە 1-ئورۇنغا، ئالمۇتا شەھىرى بويىچە ئونلۇقنىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلىمۇ نەتىجىلىرىمىز يۇقىرى بولدى، يەنى ئوتتۇرا كۆرسەتكۈچىمىز 111،14 پاينى تەشكىل قىلدى. ئالتە ئوقۇغۇچىمىز «ئالتۇن بەلگە» ۋە ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى «ئالاھىدە ئۈلگىلىك شاھادەتنامە» گە تەۋسىيە قىلىنىپ، بارلىقى ئۆز بىلىمىنى تولۇقى بىلەن دەلىللەپ چىقتى. مەكتىپىمىز ئەۋېزوف ناھىيىسى بويىچە 2-ئورۇننى، ئالمۇتا شەھىرى بويىچە 4-ئورۇننى ئىگىلىدى. بۇ، ئەلۋەتتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتىگە باغلىق بولۇشى بىلەن بىر قاتاردا كۆپىنچە شۇ قابىلىيەت ئىگىلىرىنى تونۇپ بىلگەن ئۇستازلارغا باغلىق ئىكەنلىكى تالاشسىز. شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈش ئىمتىھانلىرىنى بىرىكتۈرۈشنى كۆزلىگەن بۇ سىناقتا 100 دىن ئوشۇق بال توپلاپ، دۆلەت ھېسابىغا ئوقۇش ئۈمىدكارلىرىنىڭ قاتارىغا قوشۇلدى. يەنە بىر ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدىغان نەرسە، «ئالتۇن بەلگە» راھىبىلىرى ئانا تىلىدا ئالغان سۈپەتلىك بىلىمىنى مانا شۇ بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھان بىلەن دەلىللەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇستازلار ۋە مەكتەپ مەمۇرىيىتى ئۈچۈنمۇ سىناق بولدى.»
ر. مەخپىروۋا مەكتەپ ۋە شۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەييارلىغان ئۇستازلارنىڭ بۇ سىناقتىن سۈرۈنمەي ئۆتۈپلا قويماي، بەلكى دۆلەت تەرىپىدىن قويۇلغان تاپشۇرۇقلارنىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئورۇنلاپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىغانلىقىنى، بۇنىڭ بارلىقىنىڭ ئۇستازنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ ئارقىسىدا قولغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئوقۇغۇچىلارنى بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھانغا تەييارلاشتا نېمىلەر تەلەپ قىلىنىدۇ، نېمىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك؟
بۇنىڭغا گىمنازىيەنىڭ بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھان بويىچە رەھبىرى خىزمىتىنى ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتقان نۇزۇگۇم جەلىلوۋا تۆۋەندىكىچە جاۋاب بەردى: «مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھاندا دەرس بېرىۋاتقان مۇئەللىملەر توپىنى ئۆز كەسپىنى سۆيىدىغان، شۇ كەسىپكە ۋاپادار، ۋىجدانلىق ئۇستازلار كوماندىسى دېسەم مۇبالىغە بولماس. سەۋەبى ئوقۇغۇچىنى ئۇنىڭغا ھەرتەرەپلىمە تەييارلاش بۇ چىداملىقنى، ۋاقىتنى، مۇكەممەل ھەرتەرەپلىمە نەزەرىيىۋى بىلىمنى تەلەپ قىلىدىغان جەريان. مەن بۇ جەرياننى ترېنېرلانىڭ ئۆز تەنھەرىكەتچىلىرىنى مۇسابىقىلەرگە تەييارلىغانغا ئوخشىتىمەن. ئالاھىدە تاماقلىنىش، ئۇيقۇ قائىدىسى ۋە باشقىلار. بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھان شۇنداقلا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا شەخسىي ياندىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان جەريان. مۇئەللىملەرنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىلەن شەخسىي ئىش ئېلىپ بېرىشىغا، ئەلۋەتتە، مەكتەپ مەمۇرىيىتىمۇ تولۇق شارائىتلار يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە گىمنازىيە مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ۋە بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھان بويىچە تېخنىكىلىق كاتىپ رەنا مەخپىروۋانىڭ ئاتقۇرغان رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىش ئېلىپ بېرىشى ئۆز نەتىجىسىنى بەردى.»
ن. جەلىلوۋا بۇ يەردە ئەنە شۇ مۇئەللىملەرگە پىكىرداش بولۇپ، ئۇلارنى ھەرتەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ تۆھپىسى بارلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم مائارىپچى، پېداگوگ دوكتور يېمېليان ھوشۇروف ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان تەجرىبىلىك مەكتەپلەرنىڭ يوق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مەزكۇر گىمنازىيەنىڭ بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھاندا مۇنداق ئۇتۇقلارغا يېتىشتىكى سەۋەبىنى چۈشەندۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «153-مەكتەپنىڭ مۇدىرى بەش-ئالتە يىل بولدى، ئاساسەن، ئىمتىھانغا كىرىدىغان پەنلەر بويىچە مەملىكەتلىك ۋە رۇس تىلىدا كادىرلارنى پۇختا تەييارلىغاننىڭ نەتىجىسىدە، بالىلارنىڭ كۆپى يۇقىرى ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ پۇختا بىلىمىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ يىلىمۇ يىل كۈنى بويىچە ئىمتىھانغا قاتناشقان بالىلارنىڭ ئوتتۇرا بالى 111 بولدى. بۇ قازاقىستاندا ئەڭ ياخشى كۆرسەتكۈچ. ئومۇمەن بۇ مەكتەپنىڭ ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى بىز باشقا مەكتەپلەرگە مىسال رېتىدە كەلتۈرۈۋاتىمىز.»
مەلۇم بولۇشىچە، شاۋكەت ئۆمەروف باشقۇرۇۋاتقان بۇ مەكتەپنى ئەلا باھالارغا تاماملىغان مادىنا شۈكۈر، ئايىمگۈل تۇرغانوۋا، ئىلكنۇرا ئوزخان، دىلنۇر ئابۇلەزىز، بەدىنۇر ئايزېزى، كارىنا ئەرمىدىنوۋاغا «ئالتۇن بەلگە» تاپشۇرۇلۇپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.
مۇراسىمدا سۆزلىگۈچىلەر ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ باشقا تىللىق مەكتەپلەردىن ھېچ قېلىشماي، يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە قابىل ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.