ئالمۇتادا لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.05.17
Latin-yeziqi-qazaqistan.jpg Latin-yeziqi-qazaqistanلاتىن يېزىقىغا بېغىشلانغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 12-ماي، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

12-ماي كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبەسىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىگە بېغىشلانغان مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

ئۇنى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇردى. يىغىنغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ياركەنت، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ناھىيەلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرى مۇئەللىملىرى، زىيالىيلار ۋە جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى.

يىغىن گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەنتەنىلىك ئېچىلدى. ئۇلار مەكتەپ ھويلىسىدا قوللىرىغا «دوستلۇق»، «ئاستانا»، «قازاقىستان» دېگەنگە ئوخشاش لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان پلاكاتلارنى تۇتقان ھالدا ناخشا-ئۇسسۇللارنى ئورۇندىدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان 10-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مۇھەببەت شىرزات لاتىن يېزىقىنىڭ دۆلەت تىلىنىڭ ئابرۇيىنى تېخىمۇ كۆتۈرىدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى. ئۇ يەنە قوبۇل قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ياشلار، جۈملىدىن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۆگىنىشكە ئاسان، جەمئىيەتتە پايدىلىنىشقا قولايلىق بولىدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ بۈگۈنكى زامان تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا بولغان قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمى گىمنازىيەنىڭ مەجلىس زالىدا داۋام قىلدى. يىغىنغا گىمنازىيە مۇدىرى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شاۋكەت ئۆمەروف رىياسەتچىلىك قىلدى. دەسلەپ سۆز ئالغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف ئۇيغۇر تىلىنىڭ لاتىن ئېلىپبەسىنى ئىشلەپ چىقىش بويىچە تەشكىل قىلىنغان مەخسۇس كومىسسىيەنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستان خەلقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىس ئورۇنباسارى دارخان مىڭبايېف قاتناشقان يىغىندا بىزمۇ قازاق تىلى بىلەن تەڭلا بىر كۈندە لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتىمىز دەپ قارار قوبۇل قىلغان ئىدۇق. شۇ ۋاقىتتا 29 ئادەمدىن تەركىب تاپقان كومىسسىيە قۇرۇلدى. ئۇلار ئۆكتەبىر ئېيىدىن تارتىپ ئىشلىدى. شۇ جەرياندا يەتتە لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ لايىھەلەر "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.»

شاھىمەردان نۇرۇموف چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىنى جىددىي مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆز لايىھىسىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ نىيىتى ناھايىتى دۇرۇس. ئۇلارنىڭ ئويى - دۇنيادىكى ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق بىر ئېلىپبەسى بولسا دېگەنلىكتۇر. ئەپسۇس، بىز، ئۇيغۇرلار دۇنياغا تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن خەلق. بۇ نىيەت رېئاللىققا دۇرۇس كەلمەيدۇ. بىرى پارىژدا تۇرسا، بىرى ئاۋسترالىيەدە. بىز ئەنە شۇ 20-30 ئادەمنى دەپ ئۇلار بىلەن خەت يېزىشىمىز دەپ بۇ يەردىكى يېرىم مىليون ئۇيغۇرنىڭ كېلەچىكىنى ئويلىمىساق بولمايدۇ. نېمىشقا دېسەڭلار، بىرىنچىدىن، ئۇلاردا ئانا تىلىدا ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر، تىياتىر، گېزىت-ژۇرنال يوق. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭغا ئۇلار ئەيىبلىك ئەمەس، تارىخىي ۋەزىيەت، ئەھۋال شۇنداق بولدى.»

ئاندىن مۇنبەرگە چىققان 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرىنىڭ مۇئەللىمى رانو ئىلىيېۋا «قازاق لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى قوبۇل قىلىشتا قازاق لاتىن ئېلىپبەسىنى ئاساسقا ئېلىپ، ئۇيغۇر تىلىغا مۇۋاپىق بولغان ئايرىم ھەرپلەرنىلا قوبۇل قىلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا يېنىكلىك يارىتىش مۇمكىنچىلىكى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ مەسىلە بويىچە ئېيتىلغان پىكىر-تەكلىپلەرنى ئىناۋەتكە ئالغان ھالدا شاھىمەردان نۇرۇموفنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى لاتىن يېزىقىنىڭ نۇسخىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى رەسمىيلەشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

ئارقىدىن ئەمگەكچىقازاق، تالغىر، ئۇيغۇر، پانفىلوف ناھىيەلىرىدىكى مەكتەپلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر سۆز قىلدى. ياركەنت گۇمانىتارلىق تېخنىكىلىق تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ھاكىمجان ھەمرايېف، «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف، زىيالىيلاردىن ئېمېليان ھوشۇروف، كامالىدىن مەنسۇروف ۋە باشقىلار شاھىمەردان نۇرۇموفنىڭ نۇسخىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئۆرلېۇ» ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رۇسلان ئارزىيېف لاتىن يېزىقىغا كۆچۈرۈش مەسىلىسىدە قازاقىستاندا، تۈركىيەدە، ياۋروپادا، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ بۇ مەسىلە بويىچە ئۆز تەجرىبىلىرى بىلەن بۆلۈشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئېلىدا 2001-يىلى قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىمۇ مۇھاكىمىگە سېلىندى. نەتىجىدە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموفنىڭ قازاق لاتىن يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەپ چىققان نۇسخىسى كۆپچىلىك تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە ئېرىشتى. سەۋەبى قازاق لاتىن يېزىقىدىكى ھەرپلەر بىلەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى ھەرپلەر ئارىسىدا ئوخشاشلىق كۆپ بولسا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن قولايلىق بولىدۇ دېگەن پىكىرنى قوللىغۇچىلار كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلدى. يەنى ئۇلارنىڭ پىكرىچە، لاتىنچە بىر ھېرىپ ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدا باشقا-باشقا تاۋۇشلارنى ئىپادىلەنسە ئوقۇغۇچىلاردا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئامما شاھىمەردان نۇرۇموف تەۋسىيە قىلغان نۇسخا قازاق لاتىن يېزىقىنىڭ تولۇق كۆچۈرمىسى ئەمەس. بۇ لايىھەدە يۇقىرىدا ئېيتىلغان پرىنسىپقا كەلمەيدىغان، ئەمما خەلقئارا تەجرىبىگە ھەم 2001-يىلى ئۈرۈمچىدە قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا ماسلاشتۇرۇلغان مەسىلىلەرمۇ بار.»

رۇسلان ئارزىيېفنىڭ پىكرىچە، بۇ، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق تەبىئىتىنى ھېسابقا ئالغانلىق بولسا، ئىككىنچىدىن، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى تىلىنىڭ تاۋۇش تەركىبىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تاۋۇش تەركىبىگە تولۇق يېقىنلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياركەنت گۇمانىتارلىق تېخنىكىلىق تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھاكىمجان ھەمرايېف بۇ مەسىلىنىڭ پۈتۈن بىر خەلقنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ لاتىن يېزىقىدىكى ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش مەسىلىسى ئۇزاقتىن بېرى مۇھاكىمە قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭغا ناھايىتى چوڭ جاۋابكارلىق بىلەن قاراش لازىم. بۈگۈنكى يىغىندا سۆزگە چىققان ناتىقلارمۇ بۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان لايىھەلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن شەخسەن ئۆزۈم يېقىندىن تونۇشۇپ چىقتىم. شۇلارنىڭ ئىچىدىن شاھىمەردان نۇرۇموف تەۋسىيە قىلغان لايىھىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ، بۇ لايىھىنىڭ تولۇق ھەم دۇرۇس ئىكەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى. مەن بۇنى يىغىندىمۇ تەكىتلەپ كەتتىم.»

مەجلىس ئاخىرىدا ئىككى ماددىلىق قارار قوبۇل قىلىندى. بىرىنچىدىن، شەرقشۇناس شاھىمەردان نۇرۇموف تەۋسىيە قىلغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبە ئۈلگىسىنى بېكىتىش. ئىككىنچىدىن، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا ئۇيغۇر تىلىنى لاتىن يېزىقىغا كۆچۈرۈش جەريانىنى يۈرگۈزۈش بويىچە سالاھىيەتلىك مۇتەخەسسىسلەردىن ۋە مۇئەللىملەردىن تەركىب تاپقان مەخسۇس كومىسسىيە قۇرۇش. مەزكۇر كومىسسىيەنىڭ رەئىسلىكىگە فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ۋالېرىي مەخپىروف، ئورۇنباسارى بولۇپ فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېف بەلگىلەندى.

ئىگىلىشىمىزچە، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس پەرمانى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى 1930-يىلى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدىن لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. 1946-يىلى بولسا قايتىدىن كىرىل يېزىقىغا كۆچۈش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىق ئېلىپ، 1993-يىلى ئۆزبېكىستان لاتىن يېزىقىغا كۆچكەن بولسا، ئۆتكەن يىلى كۈزدە قازاقىستان پرېزىدېنتى لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش توغرىلىق پەرمانغا قول قويدى. بۇ باشقا مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارنىمۇ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشكە مەجبۇرلىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.