تارىختا ئانا تىلدىكى ئوقۇ - ئوقۇتۇشىدىن ئەسلا ئايرىلىپ باقمىغان ئۇيغۇر مائارىپى يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان «قوش تىللىق مائارىپ» نامى بىلەن تون كىيدۈرۈلگەن خىتاي تىلىنىڭ جىددىي خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە.
1884 - يىلى مەنچىڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نى قۇرۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرى يوسۇندا «شۆتاڭ» نامىدىكى خىتايچە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئاسسىمىلىياتسىيە پىلانى ئاخىرىقى ھېسابتا مەغلۇب بولغانىدى. 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلىشقا باشلىغان «قوش تىللىق مائارىپ» نۆۋەتتە تېڭىرقاش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا مۆلچەرلىگۈسىز بوشلۇقلارنى ھېس قىلدۇرماقتا. خۇرشىدە ئابدۇرەھىم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئېغىر بېسىمىنى شەخسەن ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇئەللىملەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرى ھەمدە ھېس قىلغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلار دىققىتىگە سۇندى.
خۇرشىدە ئابدۇرېھىم شىنجاڭ يېزا - ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاشلا ئۆز كەسپى ساھەسىدە خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغان. ئاخىرىدا كۆپ قېتىم پېداگوگىكا ساھەسىدىكى ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ۋاقىتلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان. ئەسلىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان بۇ مەكتەپ ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» مائارىپ پروگراممىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ خىتاي مەكتىپى بىلەن قوشۇۋېتىلگەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پروگراممىلىرىمۇ «قوش تىل» نامىدا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇلغان. ئۇيغۇر مائارىپىدا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل دراماتىك ئۆزگىرىشلەرگە بىر مەزگىل شاھىت بولغان ياش ئوقۇتقۇچى خۇرشىدە ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرى ۋە ئويلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00