گۈلەندەم ئابىستەينىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ۋە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ دەسلەپكى سەھىپىلىرى

0:00 / 0:00

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن باشلاپ قىرىم ۋە قازان تاتارلىرى قوزغىغان جەدىتچىلىك ھەرىكىتى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا، بولۇپمۇ ئۆز كېلەچىكى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان تۈركىي خەلقلەر توپلۇقلىرىدا بىر مەيدان يېڭىلاش ياكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش دولقۇنىنى قوزغايدۇ.

يېڭىچە زامانىۋى مائارىپنى يولغا قويۇش، مىللىي ھوقۇق ۋە دۆلەتچىلىك ئاساسىنى تىكلەش شۇنداقلا مىللىي ۋە ئىسلامىي ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىش جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەشەببۇسلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. ئىسمائىل غاسپىرالى ئوتتۇرىغا قويغان «تىلدا، پىكىردە، ۋە ئىشتا بىرلىك» شوئارى قىرىمدىن تارىم ۋادىسىغىچە بولغان بىپايان تېررىتورىيىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنى قايتىدىن باغلايدۇ.

ئەنە ئاشۇ تارىخىي شارائىتتا، مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئوغۇللىرى تەرىپىدىن 1909-يىلى تۇرپان ئاستانىدە تۇنجى «ئۇسۇلى-جەدىت» مەكتىپى قۇرۇلىدۇ. قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى ھەيدەر سايرانى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۇرپانغا كېلىپ بۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ. 1919-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئايلىرىغا كەلگەندە قەلبىگە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى پۈككەن بىر جۈپ ياش ئەر-ئايال تاتار مائارىپچىسى تۇرپاندىكى مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاستانە يېزىسىغا قەدەم باسىدۇ. ئۆز زامانىسىدە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن، بىر مەزگىل چۆچەكتە «ئۇسۇلى-جەدىت» مەكتەپلىرىنى ئېچىپ يېڭىچە مائارىپنى جانلاندۇرغان مۇھىبۇللا ئەپەندى بىلەن ئايالى گۈلەندەم خانىم ئەمدىلىكتە ئىدىقۇت ۋادىسىدا 1909-يىلىدىن ئېتىبارەن يېقىلغان ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ مەشئىلىنى يەنىمۇ ئۇلغايتىدۇ.

مۇھىبۇللا ئەپەندى بىلەن گۈلەندەم ئابىستەي تۇرپان ئاستانىدە 3 يىلدەك خىزمەت قىلىش جەريانىدا نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سەبىي قەلبىگە مەرىپەت چىرىغىنى ياندۇرىدۇ. بولۇپمۇ، گۈلەندەم ئابىستەي تۇنجى بولۇپ قىزلار سىنىپى ئاچىدۇ ھەمدە بىرقانچە قارار قىز ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ ئىدىقۇت ۋادىسىدا ئۇيغۇر قىزلار مائارىپىنىڭ ئاساسىنى سالىدۇ.

گۈلەندەم ئابىستەي تۇرپان ئاستانىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىرقانچە يىل جەريانىدا ئىزچىل ھالدا خاتىرە يېزىپ قالدۇرىدۇ. 1922-يىلى ئېرى مۇھىبۇللا ئەپەندى كېسەل سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىزلا تۇرپاندا قازا قىلىدۇ. ئىككى بالىسى بىلەن يالغۇز قالغان گۈلەندەم ئابىستەي 1922-يىلى 6-ئايدا مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ ياردىمى بىلەن چۆچەكتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېتىدۇ. گۈلەندەم ئابىستەي چۆچەكتە داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ 1923-يىلى كۈزدە تۇنجى قىزلار مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇندىن باشلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى مائارىپقا بېغىشلاپ چۆچەكنىڭ 1930-1940-يىللاردىكى مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىي ھاياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. كېيىنچە كەڭ خەلق ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنى «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى» دەپ تەرىپلەيدۇ.

گۈلەندەم ئابىستەي 1955-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ ۋە قازاقىستاننىڭ ئۇلىجار دېگەن يېرىگە ئورۇنلىشىدۇ. ئۇ 1973-يىلى 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. گۈلەندەم ئابىستەينىڭ ئۇيغۇرلار يۇرتىدا ياشىغان ۋە ئاقارتىش خىزمىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن يېرىم ئەسىرلىك ھايات كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭ 3 دەپتەردىن تۈزۈلگەن كۈندىلىك خاتىرىسىگە يېزىلغان. 3-دەپتەر ئۇنىڭ 1919-يىلىدىن 1922-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇرپان ئاستانىدىكى ھايات كەچۈرمىشلىرىگە بېغىشلانغان. گۈلەندەم ئابىستەينىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلغان بۇ خاتىرە دەپتەر 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوغلى فاتىخ تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تاتار زىيالىي زارىف دولاتقا تاپشۇرۇلغان. 2009-يىلى زارىف ئەپەندى ۋاپات بولغاندا بۇ خاتىرە دەپتەر پېشقەدەم تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئىيگە تاپشۇرۇلغان. ئىبراھىم مۇتىئىي قازا قىلغاندىن كېيىن، قىزى خالىدە خانىم بۇ خاتىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان. 2010-يىلى يالقۇن روزىنىڭ تەكلىپى بىلەن پېشقەدەم زىيالىي يۇنۇس ئىلياس ئىدىقۇتلۇق بۇ خاتىرىنى قايتا ئىشلەپ نەشرگە تەييارلىغان. شۇنداق قىلىپ بۇ خاتىرە «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق سانلىرىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئاخىرى يۈز كۆرۈشكەن.

بۇ خاتىرە دەپتەر ئاتاقلىق مەرىپەت ئۇستازى گۈلەندەم ئابىستەينىڭ تۇرپاندىكى كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئەينەن بايانى بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلار مائارىپىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى چۈشىنىشتە مۇھىم قىممەتكە ئىگىدۇر.