خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق ئاساسلىق نوپۇسىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن جايلاردا تولۇق ئوتتۇرىنى ھەقسىزلەشتۈرۈش، 2015 يىلغا بارغاندا بۇ سىياسەتنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرتىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇتتۇر مەكتەپلەردە گەرچە ئىككى يىل بۇرۇنلا يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئوقۇتۇش پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلغاندىن باشقا، ھەتتا ياتاق، تاماقنىمۇ ھەقسىزلەشتۈرۈپ، ئوقۇش ياردەم پۇللىرى بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلمىگەن.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى بۇ سىياسەتنى مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كىرىشكەن. ئامېرىكىدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەردىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەت ياكى جازاغا پىسەنت قىلماي بالىلىرىنى يەنىلا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتمايۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى «بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن تالىشىش كۈرىشى» دەپ مۇلاھىزە قىلدى.
ئېلشات ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىگە قىزىقسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت قىلىڭ.