بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنى ئويلاندۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى مىللىي مائارىپنىڭ تەقدىرى بولۇپ قالماقتا.
مىللىي مائارىپنى مىللەتنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاساسىي ئامىلى دەپ چۈشەنگەن بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلار قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيانقى 27 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاماللىرىنى قىلماقتا. يەنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە يېزىلاردا بۇ يۆنىلىشتە بىر مۇنچە ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى زادى قانداق؟
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئالمۇتادىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان مەملىكەتتىكى قازاق، رۇس، ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە تاجىك تىللىق مەكتەپلەرگە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىردەك غەمخورلۇق قىلىنماقتىكەن ھەم مەبلەغمۇ ئوخشاشلا سەرپ قىلىنماقتىكەن. چۈنكى قازاقىستاندا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى قازاقىستان پۇقرالىرى دەپ قارىلىپ، ئۇلارغا دۆلەت تەرىپىدىن بىردەك مۇئامىلە قىلىنىدىكەن.
شاۋكەت ئۆمەروف ھەر بىر قازاقىستانلىقنىڭ خالىغان تىلدا بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالىغا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالى ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىشىغا باغلىق بولۇۋاتىدۇ. بالا توپلاش مەسىلىسى بولسا ئەلۋەتتە ئۇ ئۆزىمىزگە باغلىق. ھازىر ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، رۇس مەكتەپلىرىگە كېتىپ بارغان بالىلىرىمىز ناھايىتى نۇرغۇن. شۇنىڭ ئۈچۈن بالا توپلاش مەسىلىسى ھەققىدە مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە يىگىت باشلىرى ئىشلەۋاتىدۇ. بىراق بالىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىشى مەكتەپ مەمۇرىيىتى ۋە بىلىم ساپاسىغا باغلىق بولىدىغان گەپ. ئالىملارنىڭ تەكىتلىشىچە، مىللەتنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتىرىلگەنسېرى، ئۇنىڭ ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببىتى كۆتۈرۈلىدىغان گەپ.»
شاۋكەت ئۆمەروفنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر شەھەردە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بالا توپلاش مەقسىتىدە بۇرۇنقىدەك كوچا ئارىلاپ، تەشۋىق قىلىش ئىشلىرى يوق ئىكەن. بالىلىرىنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشنى خالىغان ئاھالىلەر ئۆز مەيلى بىلەن بالىلىرىنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئېلىپ كەلمەكتىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا ئۇ باشقۇرۇۋاتقان مەكتەپنىڭ 1-سىنىپىغا 110 بالا كېلىپ، 5 سىنىپ تولغان ئىكەن. ئوقۇش باشلانغۇچە ئۇلارنىڭ سانىنىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشى كۈتۈلمەكتە.
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىدىكى قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئورۇنلاشقان ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋانىڭ دېيىشىچە، بۇ يېزىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار بولسىمۇ، ئەمما بالىلىرىنى رۇس تىلىغا بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق ئاتا-ئانىلىرى كۆپلەپ سانىلىدىكەن. بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇش ئۈچۈن ئەڭ بىرىنچى ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ساقلىنىشىدا، بولۇپمۇ زىيالىيلارنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە دېگەندەك ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى باشقا تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىۋاتقانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەپسۇس، بالىلىرىمىزنىڭ 60 پىرسەنتكە يېقىنى باشقا تىللاردا ئوقۇيدۇ. رۇس تىللىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلار كۆڭۈلدىكىدەك ئوقۇمايدۇ. ئۇ ھەقىقەت. ئۇلارنىڭ تولىسى 9-سىنىپتىن كېيىن چىقىپ كېتىدۇ. شەھەر مەكتەپلىرىدە بالىلار ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە كۆپلەپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر كۆپ تۇرۇۋاتقان ئەمگەكچىقازاق، ئۇيغۇر، پانفىلوف ناھىيەلىرىدە ئۇلارنىڭ سانى ناھايىتى ئازلاۋاتىدۇ».
بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزلىرى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئىشلىسىمۇ، بالىلىرىنى رۇس ۋە باشقا تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىۋاتقان مۇئەللىملەرنىڭ، نەۋرىلىرىنى ۋە بالىلىرىنى رۇس تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىۋاتقان، ھەتتا يۇرت ئاكتىپلىرىنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ پەقەت ھەممە ئۇيغۇردا مىللىيلىك، مىللەت ئۈچۈن كۆيۈنۈش بولغان تەقدىردىلا مىللىي مائارىپقا ئاڭلىق قاراپ، شۇ يولدا ئەمەلىي ئىشلار قىلىش مۇمكىنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ياشلارنى مۇشۇ روھتا تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيەسىگە قاراشلىق ياركەند شەھىرىدىكى گۇمانىتارلىق-تېخنىكىلىق تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مولۇتجان توختاخۇنوفنىڭ پىكرىچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ساقلاپ قېلىشتا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى قانداق مۇھىم رول ئوينىسا، مىللىي مەكتەپلەر ئۈچۈن كادىرلار تەييارلاشمۇ شۇنداق مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تېخنىكومدا ئالىي دەرىجىلىك ئۇستاز تەييارلىمىسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا كەسىپلىك ئۇستاز تەييارلايدىغان قازاقىستاندىكى بىردىن-بىر تېخنىكوم. بىز بىر يىل باشلانغۇچ سىنىپ، بىر يىل ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىنى تەييارلىماقچىمىز. بۇنىڭغا ھەر يىلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 25 ھەقسىز ئورۇن بۆلۈنىدۇ. بۇ ھەقتە تولۇق ئاخبارات بېرىلمىگەنلىكتىن بۇ يەرگە ئوقۇغۇچى توپلاش مەسىلىسىمۇ قىيىن بولماقتا. ئادەم كۆپ كەلسە بىر نەچچە توپ ئېچىش مۇمكىن ئىدى.»
مولۇتجان توختاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن كادىر تەييارلاش مەسىلىسى پەقەت ھۆكۈمەتنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتىچىلىكىنىمۇ ئويلاندۇرىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمى ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قالسا ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش رەسمىي تۈردە ساقلانغان مەكتەپلەر پەقەتلا قازاقىستاندا مەۋجۇت ئىكەن. ھازىر رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە قازاقىستاندا 250 مىڭغا يېقىن، بىرەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 500 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر ياشايدىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 30 مىڭ ئەتراپىدا بولغان بولسا، ھازىر ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 15 مىڭ ئىكەن. ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋە ئارىلاش، يەنى ئۇيغۇر، رۇس ۋە قازاق تىللىق مەكتەپلەر ئاساسەن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرىدە ئورۇنلاشقان.
0:00 / 0:00