گوللاندىيەنىڭ ئوتىرېخت شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ھاپىزلىق كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
پائالىيەتتە ھاپىزلىق كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىن پارچىلار ئوقۇدى. ئاندىن قارىيلىققا دەۋەت قىلىنغان مەزمۇندىكى ئەرەبچە شېئىرنى جامائەتكە دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. پائالىيەت داۋامىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەلىم-تەربىيە مەسئۇلى ئابدۇراخمان قارىھاجىم سۆز قىلىپ، قارىلىقنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە توختالدى ۋە كۆپچىلىكنى بۇ شارائىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا چاقىردى.
ئوقۇغۇچىلار قارىيلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىدىغان، تەجۋىد قائىدىلىرى ئېنىق كۆرسىتىلگەن ئۆلچەملىك «قۇرئان كەرىم» ۋە نەق پۇل بىلەن تەقدىرلەندى.
ئاخىرىدا، «ھاپىزلىق كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا، ئانىلىرى ۋە ئۇستازلىرى بىلەن بىرلىكتە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.