ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلى ئاياغلىشىپ، - 12014 يىللىق كۈزلۈك يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە تىزىملىتىش باشلاندى. بەزى ئاتا - ئانىلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، بۇ يىلدىن باشلاپ مەكتەپلەرگە تىزىملىتىشتا تەلەپ قىلىنىدىغان ھۆججەتلەر كۆپەيتىلىپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى تېخىمۇ مۈشكۈللەشكەن.
بۇنىڭ ئەكسىچە، دائىرىلەر خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرگە ئالدۇرۇش ئۈچۈن بولسا «يېشىل كارىدور» نامىدا رەسمىيەتنى ئاسانلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى يۈرگۈزىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئوخشىمايدىغان مۇئامىلە ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارنى نارازى قىلماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى تىزىملاش ئىشلىرى ئاساسەن 20 - ئاۋغۇستتىن 25 - ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى تىزىملاش ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تارقاتقان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى بولمىسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى دەرىجىلىك جايلاردا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى تىزىملاش شەرتلىرىدە ئۆزگىرىش بولغان يەنى ئوقۇغۇچىنى مەكتەپكە ئالدۇرۇشتا ئاتا - ئانىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىسپات ۋە ھۆججەتلەرنىڭ تۈرى بەش، ئالتە خىلغا يەتكەن.
يەنى ئىلگىرى بىر بالىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئاتا - ئانا ياكى بالىنىڭ قانۇنلۇق قوغدىغۇچىسى پەقەت بالىنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتى ياكى نوپۇس دەپتىرىنى ئېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق رايون تەۋەلىكىدىكى مەكتەپكە بېرىپلا تىزىمغا ئالدۇرسا بولاتتى، بۇ يىل مەكتەپكە تىزىملىتىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە بەش ھۆججەتنى تەق قىلىشى شەرت ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە تىزىملىتىشى ئۈچۈن ئاساسەن :
- 1 نوپۇس
- 2 ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسنىڭ ئۆي خېتى ياكى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئىجارە ھۆججىتى.
- 3 ئاز دېگەندە ئىككى يىللىق قوش تىل يەسلىسىنى تاماملىغانلىق گۇۋاھنامىسى.
- 4پىلانلىق تۇغۇت گۇۋاھنامىسى
- 5ئاتا - ئانىسىنىڭ كىملىك ياكى بالا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت پاكىتى قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدىكەن.
ئەگەردە رايون ئاتلاپ ياكى شەھەر ئاتلاپ كەلگەنلەر بولسا بېجىرىدىغان رەسمىيەتلىرىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپكە بېرىشنىڭ ئالدىدا خىتاي تىللىق سىنىپقا ياكى قوش تىللىق سىنىپقا بېرىشنى ئېنىق تاللاپ بېكىتىشى شەرت بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 يىللىق ئوقۇشىنى تاماملاشتىن بۇرۇن سىنىپ ئالماشتۇرۇشقا يول قويمايدىكەن.
ئەگەر نوپۇس بىلەن ئۆي رەسمىيىتىدىكى ئادرېس ياكى باشقا تۈرلەردە ئوخشىماسلىق بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىسپات ئەكەلمىگىچە تىزىملىتىلمايدىكەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بالىلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشتە شەرت قىلىنغان رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشمۇ ئاسان ئەمەس بولۇپ، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىگە باشقا شەھەرلەردىن كېلىپ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئالدۇرۇش تېخىمۇ مۈشكۈل بولماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە خوتەندىن خىزمىتى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ بالىسىنى ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋاتقان بىر ئانا ئۆزىنىڭ قەدەممۇ قەدەم توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، قەشقەردىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئاتا - ئانىلارنىڭ پەقەت نوپۇسىنى كۆتۈرۈپ تەۋەلىكتىكى مەكتەپكە كېلىپلا تىزىملاتسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
بالىسىنى ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن رەسمىيەت بېجىرىۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياش ئانىنىڭ كۆزىتىشىچە، ئۇيغۇرلارغا بۇ خىل رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش قىيىنلاشقان بىر پەيتتە ئەكسىنچە خىتاي دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە تىزىملىتىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپلەر ۋە دائىرىلەر«يېشىل كارىدور» "نامىدا مەخسۇس ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن باشقا، رەسمىيەت بېجىرىش كۆزنىكى ياكى ئىشخانىلارنى، خادىملارنى تەسىس قىلغان ۋە ئۈرۈمچى نوپوسىنىڭ بارغانچە كۈپىيىشىگە ئەگىشىپ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار سانى ئېشىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار كۈۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئەگەردە رەسمىيەتلىرىنى ۋاقتىدا بېجىرەلمىگەندە، ساندىن ئاشقان ئوقۇغۇچىلارنى يىراقراق باشقا مەكتەپلەرگە تىزىملىتىشقا ھەمدە ئاتا - ئانىلار رەسمىيەتلەرنى يەنە قايتىدىن تولۇقلاشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
0:00 / 0:00