بىر نەپەر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ يۈرەك سۆزى

0:00 / 0:00

ئۇنىۋېرسىتېت - ئىلىم-پەن روھى ۋە دېموكراتىك ئىدىيىلەرنىڭ بۆشۈكى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئۇنىڭدا تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار 1980-يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىدە ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىغان.

ۋەھالەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى تارىختىكى ھەرقانداق بىر دەۋرگە قارىغاندا مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيگەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرىنىڭ ئوقۇش كەيپىياتى قانداق بولۇۋاتىدۇ، ئۇلار نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟

بىز بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەلۇم فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغان، نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلايدۇ!

ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا ئالىي مەكتەپ دەرسلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىنىڭ «قوش تىل» نامىدا دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

«بىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى خەنزۇچە ئاساسىمىز بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتتا بىراقلا خەنزۇچە دەرس ئاڭلاشتا قىينالدۇق. راستنى دېگەندە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىنىڭ بولسىمۇ ئۇيغۇرچە ئۆتۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ھەقتە مەكتەپ رەھبەرلىكىگىمۇ كۆپ قېتىم پىكىر سۇندۇق. مەكتەپ ئادەتتە "قوش تىللىق ئوقۇتۇش" دېگەن ۋىۋىسكىنى كۆپ تەشۋىق قىلىدۇ، ئەمما يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان دەرسلەر ئاساسەن يەك تىلدا، يەنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارمۇ قىينالماقتا. بەزىدە ئوقۇتقۇچىمىز ئالدى بىلەن خەنزۇچە سۆزلەپ، ئارقىدىن ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشمۇ ئېلىپ بارىدۇ، لېكىن ئېھتىيات قىلىدۇ. مەكتەپنىڭ مەخسۇس خادىملىرى دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كارىدورىنى ئارىلاپ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قايسى تىلدا دەرس سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلايدىكەن. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ.

سىياسىي لېكسىيەلەر كۆپىيىپ كەتتى

«بۇ يىل يېڭى مەۋسۇم باشلىنىشى بىلەنلا كۇنمىڭ ۋەقەسى يۈز بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي-ئىدىيەۋىي تەربىيىنى كۈچەيتىش خاھىشى ئەۋج ئالدى. خەۋەر تېپىشىمىزچە، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا چوڭ مەيدان سىياسىي لېكسىيە ئاڭلاش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ. يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىككى مىڭ خەتلىك سىياسىي ئىپادە بىلدۈرۈش خېتى يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. باشقا مەكتەپلەردە قانداق بولدى، تەپسىلىي خەۋىرىم يوق.»

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش كەيپىياتى سۇسلاپ كەتتى

«ھازىر مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى بىر قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. مەسىلەن، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىمىز بىزدىن كومپيۇتېر بىلىمى بىلەن خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. چۈنكى بۇ شەرتلەر بىزنىڭ خىزمەت تېپىشىمىزغا ئوڭايلىق تۇغدۇرىدىكەن. ھالبۇكى، مىللىي ئوقۇغۇچىلار قانداقلا ئوقۇمىسۇن، ئۇلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتىكى قىيىنچىلىقى ھەممىگە ئايان رېئاللىق بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى سۇسلاپ كېتىۋاتىدۇ. مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا كىرسىڭىز 100 خەنزۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە ئاران بىر-ئىككى ئۇيغۇرنى ئۇچرىتىسىز. چۈنكى ئۇلار مەيلى قانداق ئوقۇمىسۇن، كەلگۈسىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن كاپالەتلىك ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.»

مەن كەلگۈسىدە يېزامغا قايتىپ كادىر بولىمەن!

«بىزنىڭ ئائىلىمىز يېزىدا. ئائىلىمىزنىڭ 10 يىلدىن بۇيان ھەل بولمىغان دەۋاسى كەنت كادىرلىرىنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن ھازىرغىچە ئاخىرى چىقمىدى. مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتۇمغا قايتىپ، ئاتا-ئانامنىڭ ئارزۇسى بويىچە كادىر بولۇپ ئىشلەشنى ئويلاۋاتىمەن. يېزا-كەنتلەردىكى ناھەق ئىشلارنى ھەققانىيەت مەيدانىدا تۇرۇپ ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەلۋەتتە، ئاساسىي قاتلامدا يېزا-كەنت كادىرلىرى ئۆز-ئارا تور قۇرۇپ بيۇروكرات باشقۇرۇش سىستېمىسى ھاسىل قىلىۋالغان. بۇنداق شارائىتتا مېنىڭ ئارزۇلىرىم توسالغۇغا ئۇچرىشى تۇرغان گەپ. ئەمما مەن بۇ خىل رېئاللىق ئالدىدا ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويمايمەن!»