تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بالىكەسىر ۋىلايىتىدىكى ئالتىئەيلۈل ئوتتۇرا مەكتىپى 8-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مىھراي مىجىت 2017-يىللىق تەئوگ يەنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈش ئىمتىھانىدا 1-بولغان. مىھراي ئانىسىنىڭ خىزمىتى تۈپەيلى 2013-يىلى بالىكەسىرگە كېلىپ ئالتىئەيلۈل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇشقا باشلىغان. ئۇ، ئوقۇش جەريانىدا ھەر جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆرنەك بولۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆيگۈسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
مىھراي مىجىتنىڭ qarar.com ناملىق تور گېزىتىگە بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىن 4 ياشتا ئىستانبۇلغا كەلگەن بولۇپ، ئانىسى بالىكەسىردىن خىزمەت تاپقان بولغاچقا، 2013-يىلى بالىكەسىرگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ، بەرگەن باياناتىدا مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، ئۇلار بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان بولسا ئۆزىنىڭ بۇنداق ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك زامانىنى بالىكەسىردە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان.
مىھراي مىجىت مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا: «بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنى يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزەلىگەن بولسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى. ئەمما تۈگىدى، بەلكى تۈگىمىگەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن» دېگەن.
بىز مىھراي مىجىت توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇ، بۇ يىل پۈتتۈرگەن بالىكەسىر ئالتىئەيلۈل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئورخان ئايدىن ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مىھراي مىجىتنىڭ مەكتىپىدە 3 يىل ئوقۇغانلىقىنى، مەكتەپتە ھەر جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆرنەك بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان، تىرىشچان، ھەر جەھەتتىن ياخشى بىر قىز ئىدى. بۇ يىلقى ئىمتىھاندىن يۈز ئالغان قىزلىرىمىزدىن بىرى. پۈتۈن مەكتەپ بويىچە 15 ئوقۇغۇچى بۇ يىلقى ئىمتىھاندىن يۈز ئالدى. ئۇ ئانىسى بىلەن تۇراتتى، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىزچىل ھالدا ئىشلەيدىغان. تىرىشچان، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق، ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ياۋاش بىر قىز ئىدى.»
بۇ يىل تۈركىيەدە مىليونلىغان ئوقۇغۇچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىمتىھان ئارقىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تىزىمگە ئالدۇردى. مىھراي مىجىتكە ئوخشاش ياخشى نەتىجە ئالغانلار پەن لىسەسى يانى تۈركىيەنىڭ نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. بالىكەسىر ئالتىئەيلۈل ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئورخان ئايدىن ئەپەندى بۇ يىل مەكتىپىنى 820 ئوقۇغۇچى پۈتتۈرگەنلىكىنى، مىھراي مىجىتكە ئوخشاش 15 ئوقۇغۇچىنىڭ 100 ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 820 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىمىز مەكتەپ پۈتتۈردى. 120 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىمىز 400 دىن كۆپ نومۇر ئالدى. 12 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىمىز پەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئۆتتى. مىھراي مىجىت بولسا ھەممە سوئالغا توغرا جاۋاب بېرىپ جەمئىي 493 نومۇر ئالدى. مەن مىھراي مىجىتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياراملىق بولۇپ يېتىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
مىھراي مىجىت مۇخبىرلارنىڭ يۈزىنى چىقىرىپ رەسىم تارتىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىغان. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، بۇلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر بولۇشنى خالىمايدىكەن. بۇلارنىڭ سەۋەبى نېمە؟ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى قانداق؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
11 يېشىدا تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، 53 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى مىھراي مىجىتنىڭ بالىكەسىر رايونى بويىچە بىرىنچى بولغانلىقىنى گېزىتلەردىن ئوقۇپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مىھراي مىجىتنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈش ئىمتىھانىدا پۈتۈن سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرىپ بىرىنچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەردە بېشىنى چىقارماي پەقەتلا ئىمتىھان نەتىجە قەغىزىنى تۇتۇپ چۈشكەن رەسىمى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىمۇ خىتايدىن قورقۇشتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە چەتئەلدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن بىرى بولۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. ئىستانبۇلدىكى نۇزۇگۇم ۋەخپىنىڭ مۇدىرى، ئىستانبۇلدا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەردە ھەر جەھەتتىن نەمۇنە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ قېيىن تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلار مەۋجۇت. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. مۇنەۋۋەر خانىم ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئەلا ئوقۇشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.
تۈركىيە بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىغا 1 يېرىم مىليون ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى كىرگەن بولۇپ، پۈتۈن سوئاللارغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئىكەن. مىھراي مىجىت پۈتۈن پەنلەرنىڭ سوئاللىرىغا توغرا جاۋاب بەرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى.