ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر پۇتبول ھەرىكىتى ۋاشىنگتوندا بىخ سۈرمەكتە

0:00 / 0:00

پۇتبول ھەرىكىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ ئومۇملاشقان تەنھەرىكەت. پۇتبولغا بولغان ئالاھىدە ھەۋەس ئۇلار مەيلى قەيەردە بولمىسۇن ئوخشاش داۋام ئېتىدۇ. ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە بالىلاردىكى پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىق ھەمدە ھەۋەستىن ئىلھاملانغان داڭلىق كەسپىي پۇتبولچى جۈرئەت زاھىر ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى ۋە خالىس ترېنېرلىقىدا، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول كۇرسى باشلاندى.

ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشۇپ، دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنى شۇنداقلا ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پۇتبول كۇرسى ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت مەشىق ئېلىپ بارىدىكەن.

ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياش پۇتبول ھەۋەسكارلىرى 2005-يىلى «ئۇيغۇر بىرلىكى» پۇتبول كوماندىسىنى قۇرغان ئىدى، مانا ئەمدى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈنمۇ كەسپىي پۇتبول ترېنېرنىڭ يېتەكلىشىدە پۇتبول ماھارىتى يېتىلدۈرىدىغان پۇرسەت يارىتىلدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن تۇنجى پۇتبول كۇرسى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدە باشلاندى. بۇ كۇرسقا قاتناشقانلار خالىس ھالدا مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتقان جۈرئەت زاھىر ئەپەندىنىڭ يېتەكلىشىدە ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەتتىن مۇنتىزىم پۇتبول ماھارەت مەشىقى ئېلىپ بارىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى كەسپىي كوماندىسىنىڭ سابىق پۇتبولچىسى، ترېنېر جۈرئەت زاھىر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆسمۈر بالىلار ئۈچۈن ئېچىلغان بۇ پۇتبول كۇرسى ئارقىلىق يەنە ئامېرىكا «ئۇيغۇر بىرلىكى» پۇتبول كوماندىسىغا ئىزباسار تەربىيىلەش ئۈمىدى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىشىغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاتا، ئانىلار بۇ پۇتبول كۇرسى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى، پۇتبول ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشى، ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز-ئارا تونۇشۇپ دوست بولۇشى ۋە ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈنمۇ ئەھمىيىتى زور ئىكەنلىكىنى، كۇرسىنىڭ باشلىنىشىدىلا ئاتا، ئانىلارنىڭ بىردەك مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئۇيغۇر بىرلىكى ياشلار پۇتبول كوماندا ئەزالىرىدىن شىرئەلى، بالىلارنىڭ جۈرئەت ئەپەندىدەك كەسپىي ترېنېرنىڭ تەربىيىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك پۇرسەت ئىكەنلىكى بىلدۈردى ۋە يەنە كەلگۈسىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىنمۇ دۇنياغا داڭلىق ياراملىق پۇتبول چولپانلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.