تۈركىيەنىڭ ئافيون ۋىلايىتىدىكى قوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇراسىم بىلەن دىپلوملىرىنى ئالدى.
1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىرىنچى بولۇپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تونۇغان ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇنداقلا تۈركىي تىللىرىنى ياخشى بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى تەربىيەلەش ئۈچۈن 1992-يىلى تۇنجى بولۇپ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى كەسپى ئېچىلغان ئىدى. مەزكۇر كەسىپ ئېچىلغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى فاكۇلتېتلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى. بۇلاردىن بىرى تۈركىيەنىڭ ئافيون ۋىلايىتىگە جايلاشقان قوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدۇر. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا بۇ كەسىپ بويىچە 4 كافېدرا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر-ئۆزبېك تىلى كافىدراسىدۇر. 2006-يىلىدىن بېرى بۇ كافېدراغا ھەر يىلى 25 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنماقتا. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبېك تىلىنى ئۆگەنگەندىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، سالار تىلى ۋە سېرىق ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق دەرسلەرنىمۇ ئوقۇماقتا.
قوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر-ئۆزبەك تىلى كافېدراسىنىڭ مۇدىرى، دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىلى كافېدراسىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئافيون ۋىلايىتىدىكى قوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى 2006-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم 52 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر فاكۇلتېتنىڭ ھازىر 700 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىسى مەۋجۇت. بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادا 28 ئەتراپىدا تۈركىي تىلى ئىشلىتىلمەكتە.»
دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى تۈركىي تىللارنىڭ بەزىلىرى مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بولسا، بەزىلىرىنىڭ مۇستەقىل بولالمىغان ئاپتونوم رايونلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان تىللار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىي تىللارنىڭ بەزىلىرى دۆلەت تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسا، يەنە بەزىلىرى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىچىدىكى تاتارىستان، باشقۇردىستان، چۇۋاشىستان، قابا-ئالتاي، بالقار، ۋە سىبىرىيەدىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە ئىشلىتىلمەكتە.»
ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھېلىھەم ئەڭ مۇھىم يەرلىك تىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دېگەن يېرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىغىمۇ تۈركىيە ئىلىم ئادەملىرى ئالاھىدە قىزىقىدۇ ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ تىلغا ئېھتىياجى بار. بۇ سەۋەبتىن تىل ساھەسىدە مۇتەخەسسىس يېتىشتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش شۇنداقلا بۇ ساھادا خىزمەت قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بىز كافېدرامىزدا يۇقىرىقى كەسىپلەرنى ئاچتۇق. بىز ھازىر ئۇيغۇر تىلى ئۆزبېك تىلى كەسپىي بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قوبۇل قىلىۋاتىمىز.»
بۇ يىل مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ۋە مۇراسىم بىلەن دىپلومىنى ئالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئەسما مېھرىبان توپباش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى تاللاشتىكى سەۋەبلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «نېمە ئۈچۈن بۇ كەسىپنى تاللىدىڭىز دېسىڭىز، بىرىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلىرىم تەۋسىيە قىلدى. ئىككىنچىدىن، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر تىلى ساھەسى مەن ئەڭ قىزىقىدىغان ساھە ئىدى. ئۇيغۇر تىلى دەرسىمىزگە ئەخمەت قارامان مۇئەللىم كىردى. ئۆزبېكچە دەرسىمىزگە ئەرخان سولماز مۇئەللىم كىردى. بۇلاردىن ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەر توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەر ئۆگەندۇق.»
ئەسما مېھرىبان توپباش 4 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۆگەنگەنلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمدىن بۈگۈنگىچە بولغان تارىخىنى، تىلىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگەندۇق. بىز ئەڭ كۆپ تەسىرلەنگەن نەرسە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى بولدى. بىز يەنە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىنىمۇ ئۆگەندۇق.»
ئۇ دەرسلەردە ئۆگەنگەن ئۇيغۇر شائىرلار ۋە يازغۇچىلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلغان جەڭگىۋار شائىرلاردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، قۇتلۇق شەۋقىي قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى، يازغۇچىلاردىن زۇنۇن قادىرى قاتارلىقلارنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرىنى ئۆگەندۇق. ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ بۈگۈن خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى تۈپەيلى ئەركىن ئەسەر يازالمىغانلىقىنى، ئەسەرلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ھەتتا تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقىنى ئۆگەندۇق.»
ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئەسرا ئىشىقمۇ ئۇيغۇرلارغا قىزىققانلىقى ئۈچۈن بۇ كەسىپنى تاللىغانلىقىنى، 4 يىل جەريانىدا كۆپ بۇ ساھەدە كۆپ بىلىملەرنى ئۆگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق. ئۇلارنىڭ تىلىنى، ئەدەبىياتىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ ئادەتلىرىنى، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۆگەندۇق.»
خىتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ ئۆگىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زادى نېمە؟ تۈركىيەنىڭ قەھرىمان ماراشتىكى سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشتا تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئېچىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.
بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى، مۇغلا ئۇنىۋېرسىتېتى، نىگدە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 13 دەك ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇلۇۋاتقاندىن سىرت، بەزى ئىنىستىتۇتلاردا ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە ماگېستېر ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنماقتا.
0:00 / 0:00