ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش مەندىن باشلانسۇن!

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «3-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشتا ھەممەيلەننىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بارلىقى، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشنى ھەممە ئادەم ئۆزىدىن باشلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«3-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى» خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2013-يىلى 24-فېۋرال ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

مۇھاكىمە يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى قىلىپ، بىر مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللار ئىچىدە تىلنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئەگەر مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلى-ئۇيغۇر تىلىغا ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيىدە نەچچە يۈز مىڭ ئۇيغۇرنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭمۇ باشقىچە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتتى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار «ئۇيغۇر تىلى ۋە دۇچ كەلگەن خىرىسلار»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستېمال قىممىتى ۋە قىسمىتى» تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئۇيغۇر تىلى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس، ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل ۋە ئېلىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. يىغىندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتكە دۇچ كېلىشىدىكى ئاساسلىق ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يەسلىگىچە مەجبۇرىي يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، ئۈن-سىن ۋە يازما ئاخبارات تاراتقۇلىرىنى ئەركىن قويۇۋەتمەي دۆلەت چاڭگىلىدا تۈتىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر تىلىدا بار بولغان نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئىستېمالدىن چۈشۈپ قالغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن سىقىپ چىقىرىشقا باشلىنىشى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا خىتاي تىلىنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىش سىياسىتى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلاردا باش كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىغا ئېھتىياج تۇيماسلىق ھادىسىسى... قاتارلىق مەسىلىلەر ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىدا يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەتكە قېقىلىپ، ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلاردا شەكىللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھېس-تۇيغۇسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى، بۇ تۇيغۇ نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ۋە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك چارە-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدا ھەر خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانا تىلىغا ئەھمىيەت بېرىشكە، قەدىرلەشكە چاقىرىپ كەلمەكتە.