مۇھاجىرەتتىكى مۇتەخەسسىسلەر: ئۇيغۇر تىلى يوقالمايدۇ ۋە يوقاتمايمىز

0:00 / 0:00

خەلقئارالىق تىلشۇناس ۋە مىللەتشۇناسلار يېقىنقى يىللاردا بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ تىلى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ قالغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپى ۋە باشقا مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ ئانا تىل كرىزىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى سىرتىدا بىردەك ئۇيغۇرلاردا ئانا تىلنى قوغداش پائالىيەتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. «ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى قانداق قىلىپ قوغداپ قالالايمىز؟» دېگەن تېمىدا مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇردۇق.

بۇ تېمىدىكى سۆھبىتىمىزدە، قازاقىستاندىكى فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ۋە قەدىمكى تىللار تەتقىقاتچىسى ئامېرىكىدىكى دوكتور قاھار بارات ئەپەندىلەر ئوخشاشلا گەرچە ئۇيغۇر تىلىنى، يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىل، دەپ ھېسابلىمىساقمۇ ئەمما خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بىر تىل دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشتا مەخسۇس تىل سىياسەتلىرى يولغا قويۇشىنى كۈتۈشتىن كۆرە ھەر بىر ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىشنى ئۆزىدىن ۋە ئائىلىدىن باشلاشنى تەۋسىيە قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.