ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بۇ يىل 1-سېنتەبىردىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خىتاي تىلى مائارىپىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئۆتكەن جۈمە كۈنى تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا جىددىي ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جامائەت پىكرى توپلاش، مەتبۇئاتلاردا نارازىلىق بىلدۈرۈش، بايانات ئېلان قىلىش، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى قاتارلىقلارغا دوكلات سۇنۇش، ئەرز قىلىش قاتارلىق كۆپ يوللار ئارقىلىق پۈتكۈل يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇيغۇر تىل-مائارىپىنى قوغداش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا 1-سېنتەبىردىن باشلاپ، دۆلەت تىلى مائارىپى نامىدا مەكتەپلەردە خىتاي تىلى مائارىپىنى يولغا قويۇش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرۈلگەنلىكى توغرىلىق ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى.

رادىيومىز ئېنىقلاش داۋامىدا، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن بۇ يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ھەرقايسى ۋىلايەت‏، ئوبلاستلارغا تارقىتىلغانلىقى ۋە 1-سېنتەبىردىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يولغا قويۇش بەلگىلەنگەنلىكى ئاشكارىلانغان ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا چەكلىنىشى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا جىددىي مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئانالىزچىلار، دائىرىلەر يولغا قويغان ئاتالمىش «دۆلەت تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش» بەلگىلىمىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان «مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى» غا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە قارىتىلغان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئاشكارا يولغا قويۇلۇشى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 2017-يىللىق 10-نومۇرلۇق ھۆججىتى نامىدا ئېلان قىلىنغان «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» ناملىق ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ: «2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ، بارلىق دەرسلەر دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئارقىلىق ئۆتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكى قوشۇمچە ئۆتىلىدۇ» دېيىلگەن.

بۈگۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن، مەركىزى گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلات مەسئۇللىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ تەشكىلاتلار نامىدىن نارازىلىق باياناتلىرى تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قۇرۇلتاي نامىدىن نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى يوقىتىش سىياسىتى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارغا دوكلات يوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان ئاپتونومىيە قانۇنىغىمۇ خىلاپ بولغان جىنايى قىلمىش دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندى، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدا تىل ۋە مائارىپنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن تەييارلىنىۋاتقان نارازىلىق باياناتى ۋە دوكلاتتا كونكرېت پاكىتلار ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان «شىنجاڭ سىنىپلىرى» ۋە «قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قىلمىشلىرىغا خەلقئارا جامائەت پىكرى توپلاش، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2000-يىلدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئاچقان بولۇپ، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى 14 ئۆلكىدىكى 45 شەھەر 93 مەكتەپنى قاپلىغان. 2000-يىلدىن 2016-يىلغىچە شىنجاڭ سىنىپى نامىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە جەمئىي 90 مىڭ 20 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. 2016-يىلى يىل ئاخىرىغىچە 46 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن. نۆۋەتتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كۆلىمى 34 مىڭدىن ئاشقان. خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خەلق تورى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىقلارنىڭ 8-ئاۋغۇست يەنى سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش 7-ئاۋغۇست ئاياغلاشقان بولۇپ، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى 2006-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا مىللەت تىلىدىكى مەكتەپلەرنى خىتاي مەكتەپلىرىگە قوشۇۋېتىپ ئاتالمىش «قوش تىللىق مەكتەپلەر» نى قۇرۇپ، خىتاي تىللىق ئوقۇتۇشنى باشلىغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، دائىرىلەر ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە، «يېزىلاردا 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى يېزىلاردىكى يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 60 مىڭ نەپەر «قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى» قوبۇل قىلغان. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يېزىلاردىكى قوش تىللىق يەسلىلەر تېزلىكتە كۆپەيتىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2017-يىل 4-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست تەۋەسىدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان 4387 قوش تىل يەسلىسىدە ئوقۇش باشلاش قارار قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۆتكەن يىلى دېكابىردىكى باياناتىدا ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىللىق يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 2 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، قوش تىللىق يەسلى ئومۇملىشىش نىسبىتىنىڭ 90 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىللاردا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە قۇلاق سالماي، ئۇيغۇر مائارىپىنى پەيدىن-پەي يوقىتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جامائەت پىكرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم قىلسا يەنىلا مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.