رابىيە خانىم فرانسىيە رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.04.18
uyghur-ayallar-kursi-305.jpg ئېستونىيە پايتەختى تاللىنن شەھىرىدىكى 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى قاتناشقۇچىلار. 2011-يىلى 26-سېنتەبىر.
RFA

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 18-ئاپرېل پارىژغا يېتىپ بېرىپ، 20-ئاپرېلدىن 24-ئاپرېلغىچە فرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئېچىلىدىغان 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

رابىيە خانىم يەنە فرانسىيە تېلېۋىزىيە قانىلىدا مەخسۇس بايانات بېرىپ، خىتايغا زىيارەتكە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان فرانسىيە پرېزىدېنتى فرانچېسكو ھوللاندى قاتارلىق فرانسىيە ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن دىئالوگىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پارىژدىن مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ خىل توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى، ئەكسىچە پائالىيەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ فرانسىيىدە تېخىمۇ زور تەسىر قوزغايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى ئىپادىلىدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، مۇخبىرىمىزنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن قىلغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.